خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھۇدەيدە پورتى زەربىگە ئۇچرىغان تەقدىردە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى بارلىق پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى / Reuters
 

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ ھۇدەيدە پورتىغا دائىر چاقىرىقىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇدەيدە پورتى بومباردىمان قىلىنسا جىددە پورتى ۋە قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى بارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە: «بۇ پورتلاردىكى خىزمەتچىلەر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى دەرھال رايوندىن ئايرىلىشقا، دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرىنى بولسا پاراخوتلىرىنى پورتلاردىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

بىرلەشمە ئارمىيە باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى تۈركى ئەل-مالىكى ھۇدەيدە پورتىدىكى پۇقرالارنى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پورتنى بوشىتىشقا چاقىرغان ھەمدە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى مۇنارىغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا قەتئىي جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار

يەمەندە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانائا ۋە بەزى رايونلارنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن كىرىزىس چوڭقۇرلاشقان، 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا باشلىغان ئىدى. 2022-يىلى ئاپرېلدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن نىسبەتەن تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئىيۇلدىن بۇيان قايتا ئۇلغايغان توقۇنۇشلار جەريانىدا ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن نىشان قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى