سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى رۇتتې رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننى مۇزاكىرە قىلدى
ئۇچرىشىشتا، ئىيۇلدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.
ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى رۇتتې رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننى مۇزاكىرە قىلدى
ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى رۇتتې رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننى مۇزاكىرە قىلدى / Reuters
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىراندىكى توقۇنۇشلار ۋە ئىتتىپاق ئىچىدىكى مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ترامپ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مار-ئا-لاگو تۇرالغۇسىدا رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئۇچرىشىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۆتتى؛ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى ئارىسىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە ئىراندىكى توقۇنۇش ئورۇن ئالغان بولۇپ، لاھېي ۋە ئەنقەرەدىكى باشلىقلار يىغىنلىرىدا بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزمۇ مۇھاكىمە قىلىندى» دېيىلدى.

رۇسىيەگە ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان قەستەن ياكى قەستسىز بارلىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش چاقىرىقى قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشتا دەرھال بۇ ئۇرۇشقا تىنچ ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئۇچرىشىشتا ھەم ئامېرىكا ھەم ناتو ئىچىدە مۇداپىئە چىقىملىرى ۋە سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان سېلىنمىلارنى ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»
ئىراندا بىر ھەربىي گازارما يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ»
ئامېرىكا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇملىرىدا ئىراننىڭ رولى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە مۆللىن ۋەقەسىدە قازا قىلغان 3 تۈركىيە پۇقراسى 34 - يىللىقىدا خاتىرىلەندى
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى
تۈركىيە قارادېڭىزدا بىخەتەر دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك مېخانىزم» ئورناتماقتا
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى