سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
BBC: رۇسىيە مەلۇماتلىرى 500 مىڭغا يېقىن رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
BBC رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ، 2022-يىلى باشلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 2026-يىلى سېنتەبىرگىچە 490 مىڭ 334 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
BBC: رۇسىيە مەلۇماتلىرى 500 مىڭغا يېقىن رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
BBC: رۇسىيە مەلۇماتلىرى 500 مىڭغا يېقىن رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ / Reuters (Wire)
 

BBC رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ئۇكرائىنادا 2022-يىلى باشلانغان ئۇرۇشتا 2026-يىلى سېنتەبىرگىچە 490 مىڭ 334 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

BBC نىڭ رۇسچە بۆلۈمى بېلارۇسىيەلىك «Cyber Partisans BY» گۇرۇپپىسى ۋە ئۇكرائىنادىكى «Silent Crow» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تور ھۇجۇمىدىن كېيىن، 2021-يىلىدىن 2026-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە 11 مىليوندىن ئارتۇق ئۆلۈم خاتىرىسىگە ئېرىشكەن.

رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Rosstat) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغان BBC رۇسچە بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2022-يىلى باشلانغاندىن تارتىپ 2026-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 490 مىڭ 334 رۇسىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

«Rosstat» تور ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، قوغدىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 5 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئەسكەرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى

 بۇنىڭدىن باشقا، تەھلىلدە 5 مىڭ 17 چەت ئەللىك ئەسكەرنىڭمۇ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2026-يىلى ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇكرائىنانىڭ ئەسكەر تالاپىتىنى 50 مىڭ ئەتراپىدا دەپ ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، «UA Losses» ناملىق تور بېكەتتە بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 115 مىڭ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى بىر ئامېرىكا-ئىران جىددىيلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان «تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىنى كەڭ ئورتاق تونۇش بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى