تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدىتۈركىيە يەمەندىكى ئىراننىڭ قوللىشىدىكى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى / АА
 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى نىشان قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇللاھ مالىيە مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

پۇقرالار ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان، رايونلۇق تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە تەھدىت سالىدىغان بۇ خىل قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىق تەكرارلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ھۇسىيلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان قوللىشىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار

يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا بىلەن بىر قىسىم رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، دۆلەتتىكى كىرىزىس تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا باشلىغان ئىدى.

2022-يىلى ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن نىسبەتەن تىنچ بىر مەزگىل باشتىن كەچۈرۈلگەن دۆلەتتە، ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن توقۇنۇشلار نەق مەيداندىكى كونتروللۇق خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

يەمەندە ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ئىراننىڭ قوللىشىدىكى ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشان قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»
ئىراندا بىر ھەربىي گازارما يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ»
ئامېرىكا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇملىرىدا ئىراننىڭ رولى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە مۆللىن ۋەقەسىدە قازا قىلغان 3 تۈركىيە پۇقراسى 34 - يىللىقىدا خاتىرىلەندى
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى
تۈركىيە قارادېڭىزدا بىخەتەر دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك مېخانىزم» ئورناتماقتا
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى