جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بەشتەپە خەلق قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت كېچىسى» پىروگراممىسىدا نومۇر كۆرسەتكەن گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى يۈجەل ئارزەن ھاجىئوغۇللىرىنىڭ بەدىئىي يېتەكچىلىكىدە سەھنىلەشتۈرۈلگەن «كىم بار؟» ناملىق مۇزىكا ۋە تىياتىر نومۇرىنى ئورۇندىغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ سۈرەتكە چۈشكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. ناھايىتى ياخشى ئورۇندىدىڭلار. قالتىس» دېدى.











