دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ2 - نۆۋەتلىك پالاندۆكەن ئىقتىساد مۇنبىرى 2026-يىلى 4-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە ئەرزۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ / Anadolu Agency (Wire)
 

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ كېلەچىكى، خەلقئارا سېلىنمىلار ۋە يېڭى سودا پۇرسەتلىرى بۇ قېتىم پالاندۆكەندە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ داڭلىق قىشلىق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەرزۇرۇم پالاندۆكەن دۇنيا ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

2 - نۆۋەتلىك پالاندۆكەن ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى 2026-يىلى 4-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇنبەر يىغىنق مىنىستىرلارنى، باش ئەلچىلەرنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى، دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرىنى، كارخانىچىلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ۋە ئاكادېمىكلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

«يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنىقسىزلىق ئاستىدىكى سەرمايە: سېلىنمىنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» باش تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنبەردە، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش، ئۆزگىرىۋاتقان سەرمايە ئېقىملىرى، خەلقئارا سودا، سېلىنما ئىستراتېگىيەلىرى ۋە يېڭى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

مۇنبەرنىڭ تۇنجى كۈنى 4-دېكابىر كېچىسى پالاندۆكەن چوققىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشئەللىك قار تېيىلىش ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيىتى بىلەن باشلىنىدۇ. ئىقتىساد بىلەن دىپلوماتىيەنى قىشلىق ساياھەتچىلىك بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى بولسا 5-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتىراكچىلار ۋە ئۆز ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىس نۇتۇق سۆزلىگۈچىلىرى 10 ئايرىم يىغىندا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ كېلەچىكى، سېلىنما پۇرسەتلىرى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇدا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان مۇنبەر خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرزۇرۇمنىڭ ساياھەت، سودا ۋە سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىمۇ نىشان قىلماقتا.

2026-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ خەلقئارالىق ئىقتىساد ئۇچرىشىشلىرىدىن بىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئەرزۇرۇم پەقەت قىشلىق ساياھەتچىلىكى بىلەنلا ئەمەس، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى بىلەنمۇ نام قازىنىشقا تەييارلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە قارادېڭىزدا بىخەتەر دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك مېخانىزم» ئورناتماقتا
قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى بىر ئامېرىكا-ئىران جىددىيلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان «تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىنى كەڭ ئورتاق تونۇش بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
مىنىستىر قۇرۇم: «ئورتاق ماكانىمىز دۇنيا ئۈچۈن چارە ئىزدەشتىن ۋاز كۆچمەيمىز»
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى