سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيە ئۆز ئالدىغىلا ئۇكرائىنادا دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى .
رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
/ Reuters

رۇسىيە ئۆز ئالدىغىلا ئۇكرائىنادا دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋە 11-ماي يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىغان  ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.

موسكۋا 11-مايغىچە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى. كىرېمىل سارىيى بولسا ئۇكرائىنا ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزغان تەقدىردە ئۇكرائىناغا «يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك جاۋاب» قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيەنىڭ ئۆز ئالدىغىلا ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىشى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. بۇنىڭ 11-ماي يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا.

موسكۋا رۇسىيە دۆلەت پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قارارىغا ئاساسەن سەيشەنبە كېچىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1945-يىلقى مەغلۇبىيىتىنىڭ خاتىرە يىلى بولغان زەپەر كۈنىنىڭ 80 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا توقۇنۇشلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمما ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۇ تەشەببۇسنى قوللىمىدى.

زېلېنسكىي چەت ئەل رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا بېرىپ زەپەر كۈنىنىڭ 80 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، موسكۋانىڭ بۇ مېھمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

موسكۋا بولسا بۇ باياناتلارنى «تەھدىت» دەپ ئاتىدى.

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ھەرقانداق شەكىلدە بۇزغان تەقدىردە ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن تېز ۋە ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى