تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدىمۇزاكىرىلەر سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىغا مەركەزلەشتى؛ يىغىندا، كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا مىللىي ياراشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىمە قەدەم تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
00:00
تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئەنقەرەدە يىغىن ئۈستىدە

تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈرىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ شەرتسىز بىكار قىلىنىشى، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نۇھ يىلماز بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئىشلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ھامىش فالكونېر يېتەكچىلىك قىلغان.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، سۈرىيە ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يىلماز تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشقان ۋە كىرىزىسقا كۆپ تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىللىي ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مۇساپىدە بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى تەكرارلىغان.

يىلماز يەنە سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا «جازا تەدبىرلىرىنى شەرتسىز ۋە پۈتۈنلەي بىكار قىلىش – بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مالىيە مەشغۇلاتىنى قوزغىتىش ئۈچۈن – مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.»

تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيە ۋە رايونغا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەن.

بۇ يىغىن دېكابىردا بەششار ئەسەد ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەئس ھۆكۈمىتى يىقىلىپ، سۈرىيەدە ئەھمەد شارا (شەرئ) يېتەكچىلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 11 - نويابىر چارشەنبە
مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دانىيە ئوكرائىناغا قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان بولدى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق