سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس غەززەدە تېخنوكرات ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇرۇش ۋەيران قىلغان رايوننى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمگە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ھاماس غەززەدە تېخنوكرات ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى
ھاماس غەززەدە تېخنوكرات ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى / AP

ھاماس ئۆتكەن ئايدا ۋاستىچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى ماقۇللىغانلىقىنى ۋە غەززەنىڭ باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخنوكراتلاردىن تەشكىللەنگەن مۇستەقىل بىر مىللىي ئىدارىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تەكلىپكە قايتۇرىدىغان جاۋابى كۈتۈلمەكتە.

ھاماس باياناتىدا: «بىز 18-ئاۋغۇستتا ۋاستىچىلەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە بىز تەرەپتىن قوبۇل قىلىنغان تەكلىپكە ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

باياناتتا، بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى مۇئەييەن سانغا ئىگە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمنى ئىمزالاشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ پىلان يەنە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشىنى، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىنى، ھاياتلىق ئۈچۈن مۇھىم ياردەم ماددىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويۇش ئۈچۈن چېگرادىكى ئېغىزلارنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى ۋە قايتا قۇرۇش جەريانىنىڭ باشلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاماس تېخنوكراتلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھۆكۈمەتنى قوبۇل قىلىشىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى «كېيىنكى كۈن» دەپ ئاتىغان، ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززەدە ھاكىمىيەتنىڭ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئىسرائىلىيە بۇ سوئالنى غەززەدىكى قەتلىئامىنى ئۇزارتىشنىڭ بىر باھانىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مەزكۇر بايانات، ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزى ھەققىدە چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىغا قارىماي، قىسمەن كېلىشىم تۈزۈش ئىزدىنىشىدىن ۋاز كېچىپ، كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم تۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەر قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

ھاماس بىلەن فەتھ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە غەززەنى ئىدارە قىلىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ئىدى. ئەمما پەلەستىن مەمۇرىيىتى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلىپ، رايوننى بىۋاستە ئۆزى باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

غەززەدىكى قەتلىئام رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. ئىسرائىلىيەنىڭ تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى 63 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، رايوننى ئاچارچىلىق گىرداۋىغا ئىتتىردى.

ھاماس «تېخنوكراتلاردىن تەشكىللەنگەن مۇستەقىل بىر مىللىي ئىدارىنىڭ» دەرھال ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى