خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مېرز: داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «تېخىمۇ مۇستەقىل» ياۋروپا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك
فىرىدرىخ مېرز: «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىدە رول ئويناشنى خالىساق، بەزى ئىشلارنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كونترول ئاستىغا ئېلىشىمىز كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
مېرز: داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «تېخىمۇ مۇستەقىل» ياۋروپا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك
مېرز ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، ئەركىن، تىنچ ۋە ئىقتىسادىي گۈللەنگەن ياۋروپاغا بىر يول بارلىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. / Reuters

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرىدرىخ مېرز يەر شارى خاراكتېرلىك داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپالىقلارنىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مېرز دۈشەنبە كۈنى فرانكفورت ئاكسىيە بازارىنىڭ ئېشبورن بازىرىدىكى يېڭى يىللىق پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ: «ھازىر ئېھتىمال سىياسىي ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى، شۇنداقلا چوڭقۇر بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ ئۆتمۈشتىن ئۈزۈلۈشتۇر» دېدى. ئۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ نۆۋەتتە «قائىدىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا كۈچ دىپلوماتىيەسى يۈرگۈزىدىغان چوڭ دۆلەتلەر قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان» بىر دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلىتىنىڭ ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىگە ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرىشتە مەركىزىي رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ياۋروپالىقلار بىرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلساق، دۇنيادا ئۆزگىرىش يارىتالايمىز. بەزىدە ئۆزىمىزگە ئىشەنگىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

«ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، ئەركىن، تىنچ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن باياشات بىر ياۋروپا» يولىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مېرز، ياۋروپانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى قايتىدىن ئاشۇرۇشى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مېرز يەنە: «ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر ئۆزگەردى. ئەمما كونا دەۋرلەرگە بولغان سېغىنىش ياكى ئەسلىمىلەر بىزگە ياردەم قىلالمايدۇ. بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىدە رول ئويناشنى خالىساق، ئىشلارنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كونترول ئاستىغا ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى