سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران مېنى قەستلەشكە ئۇرۇنسا، خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ
ترامپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر تېھران قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئامېرىكانىڭ ئىراننى «ۋەيران قىلىپ يوقىتىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.
ترامپ: ئىران مېنى قەستلەشكە ئۇرۇنسا، خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ
ترامپنىڭ ھەقىقىي مېديا بېتىدە ئېلان قىلغان سۆزلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپ، ئەگەر ئىران ھۆكۈمىتى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارسا ياكى بۇنىڭغا ئۇرۇنسا، ئارمىيەگە ئىرانغا زەربە بېرىشكە تەييار تۇرۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «ئاللىبۇرۇن پەرمان چۈشۈرۈلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر يىل ئىچىدە (مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ) ئىراننىڭ بارلىق رايونلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ۋە ۋەيران قىلىشقا تەييار، بۇنى خالايدۇ ۋە بۇنىڭغا قادىر» دېدى.

ئۇ  ھەقىقىي مېديا (Truth Social) تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىران ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا جاكارلىغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھازىرقى پىرىزېدېنتىنى — يەنى مېنى — قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ياكى سۈيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنسا، 1000 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە بەتلەندى (Locked and Loaded) ۋە مىڭلىغان بومبىلار دەرھال يەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئېتىلىدۇ!»

ئۇ: «پەرمان ئاللىبۇرۇن چۈشۈرۈلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر يىل ئىچىدە-مۇددەتنى ئۇزارتىشقابولىدۇ، ئىراننىڭ بارلىق رايونلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ۋە ۋەيران قىلىشقا تەييار، بۇنى خالايدۇ ۋە بۇنىڭغا قادىر» دەپ تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran denies requesting talks with US, warns of 'reciprocal' response to any breach

ترامپنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مېديا بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ سۆزلىرى، ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيلىكنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى، شۇنداقلا

ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجملىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

ترامپ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «ئاخىرلاشقانلىقى» نى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاشىنگتون تېھران تەلەپ قىلغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بىر قىسىم «ئاخبارات» لارنى ئورتاقلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىراننىڭ ترامپنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ