پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى

پاكىستان ئىككى ھەپتىلىك چېگرا تاقاشتىن كېيىن ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى.

پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى / Reuters

ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان چېگرا توقۇنۇشلىرى تۈپەيلىدىن تاقالغان تۇرخام چېگرا ئېغىزى ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆتۈشى ۋە سودا ئۈچۈن قايتا ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق قاتناش يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى. دائىرىلەر شەنبە كۈنى ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت تاقالغان چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاپسىلىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

 «داۋن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان دائىرىلىرى 11-ئۆكتەبىر چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تاقالغان چېگرانىڭ ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ۋە سودا ئۈچۈن قايتا ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئافغانىستاننىڭ نانگارخار ۋىلايىتىدىكى ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قۇرەيشى بادلۇنمۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ قايتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېگرا ئېغىزى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن تاقالغان ئىدى. بۇ ئەھۋال نەۋشەھرا بىلەن تۇرخام ئارىسىدىكى يولدا يۈزلىگەن ماشىنا ۋە مىڭلىغان مۇساپىرنىڭ يېمەكلىك ۋە سۇغا ئېرىشەلمەي قاپسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

 ئىستانبۇلدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن جىددىيچىلىك پەسەيدى

 تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە 15-ئۆكتەبىر كۈنى ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك پەسەيدى. دەسلەپتە 48 سائەتلىك پىلانلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇزارتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى چېگرا توقۇنۇشلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلانغان بولدى.

ئۇدا 14 سائەت داۋاملاشقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق كومىتېت قۇرۇشقا كېلىشتى. تۇنجى يىغىننىڭ 25-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

 2670 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا 18 رەسمىي ئۆتۈش نۇقتىسى باردۇر. نانگارخاردىكى تۇرخام ۋە قەندەھاردىكى سىپىن بولداك، سودا ۋە قاتناش جەھەتتە ئەڭ ئاۋات ئۆتۈش نۇقتىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چېگرا قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىدىغان توقۇنۇشلار قاتناش ۋە سودىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، قۇرۇقلۇققا قاپسىلىپ قالغان ئافغانىستان ئىقتىسادىغا زور زەربە بەرمەكتە.