ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ھىندىنوزىيە، رايون خاراكتېرلىك كەسكىنلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە سوغۇققان بولۇش ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولدى.
ھىندىنوزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى ئىرانلىق كەسپدىشىغا، جاكارتانىڭ ئىران، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ۋاستىچىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھىندىنوزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇگىيونو، كۈچىيىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق كەسكىنلىكى ھەققىدە بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
سۇگىيونو X سۇپىسىدا ھەمبەھرلىگەن باياناتىدا: «ھىندىنوزىيە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇرۇلمىلىق رول ئويناشقا تەييار. بۇ دائىرىدە، كەسكىنلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى توساش ئورتاق نىشانى بىلەن سۆھبەت ياكى ۋاستىچىلىقنى قولايلاشتۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى. مىنىستىر بارلىق تەرەپلەرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە سوغۇققانلىق كۆرسىتىشكە ۋە كەسكىنلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن دەرھال قەدەم بېسىشقا چاقىردى، خەلقئارا قانۇنغا ۋە ب د ت نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيەنىڭ رايون مۇقىملىقى ئۈچۈن بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
«ئېچىنىشلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىنىش»
دۈشەنبە كۈنى ئاراقچى رايون ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستان ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موللا ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتقا قارىغاندا، مۇتتەقى ئۆزگىرىشلەردىن «چوڭ ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن.
مۇتتەقى يەنە ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىڭ «ئېچىنىشلىق شەكىلدە نىشانغا ئېلىنىشى» سەۋەبىدىن تەزىيە بىلدۈرگەن. شەنبە كۈنىدىن بېرى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلىكتە قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئىرانلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. تېھران، پارىس قولتۇقى ئەللىرىدىكى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىپ ئۆچ ئالدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالتە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر قىسىملىرى ئېغىر يارىلاندى. ئىران قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنىدىن بېرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 555 كە يەتكەن.