تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ ھەر بىر ساھەدە تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئېرىشكەن بىر مۇساپىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ ھەر بىر ساھەدە تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئېرىشكەن بىر مۇساپىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئېنېرگىيەدىكى قاراشنى (پاردىگمانى) ئۆزگەرتتى. 10 يىل ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئىنتايىن چوڭ مەبلەغلەرنى سالدۇق» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، لۈتفۆ كىردار قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل تەبىئىي بايلىقلار باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ ھەر بىر ساھەدە تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئېرىشكەن بىر مۇساپىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق. تۈركىيە ئېنېرگىيەدىكى قاراشنى ئۆزگەرتتى. 10 يىل ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئىنتايىن چوڭ مەبلەغلەرنى سالدۇق» دېدى.

«تۈركىيە تىنچلىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئاكتىيورى بولدى»

ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ ھەر بىر ساھەدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن بىر مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك مەنبە بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلارنى تەمىنلەش دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئېرىشتى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئېنېرگىيە تەمىناتى ئىدى. 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى باشلانغان ھۇجۇملاردىمۇ ئېنېرگىيە سودىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇ ۋەقەلەردە پەقەت باھالارلا ئۆرلەپ كەتمەي، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئېنېرگىيە مەنبەلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا، ساياھەتچىلىككە ۋە ئىقتىسادقا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە مول ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۆۋرۈك، ئەڭ تۈگۈنلۈك ئۆتكەلدۇر. يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈركىيەنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. دۆلىتىمىز بارلىق غىدىقلاشلارغا قارىماي، ئۆزىنىڭ سەمىمىي سىياسىتى بىلەن ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالالىدى، دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تىنچلىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئاكتىيورىغا ئايلاندى.

«تۈركىيە ئېنېرگىيەدىكى قاراشنى ئۆزگەرتتى»

رۇسىيەدىن 2، ئەزەربايجاندىن 2 ۋە ئىراندىن 1 بولۇپ، جەمئىي 5 تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تەبىئىي گاز تەمىنلەۋاتىمىز. تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق. تۈركىيە ئېنېرگىيەدىكى تەرەققىيات قېلىپىنى ئۆزگەرتتى. 10 يىل ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغلەر سېلىندى. ساكاريا گاز مەيدانىدىكى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىشىمىز بۈگۈنكى كۈندە 9.5 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. پەقەت قارا دېڭىزدىلا ئەمەس، گاباردىمۇ تارىخ يازدۇق. دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىمىزنىڭ %44 ى گاباردىن چىقىۋاتىدۇ. شىرناقتىكى نېفىت بايقاش جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشتۇر. ئونلىغان يىللار بويى تېررورلۇق بىلەن تىلغا ئېلىنغان رايونلار بۈگۈن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. يىللار بويى تاشلىنىپ قالغان جايلاردا ساياھەتچىلىك ئۆرلەۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلماقتا، كىچىك سودىگەرلىرىمىزنىڭ يۈزى كۈلمەكتە. دىيارباكىردا 4 يېڭى مەيدان بېكىتىلدى. ئالدىمىزدىكى 3 يىل ئىچىدە يەنە 24 قۇدۇقتا خىزمەت قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا تەييارلىقلىرىمىزمۇ مەۋجۇت.

تۈركىيە، يەر شەرى ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا. كىلىمات ۋە ھاۋا شارائىتى يول قويسا، سومالىدىكى بۇرغىلاش خىزمىتى 6 ئايدىن 9 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملىنىدۇ. مۇداپىئە سانائىتىدە بولغىنىدەك، ئېنېرگىيەدىمۇ تولۇق مۇستەقىل بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ «قىزىل ئالما» (نۇقتىلىق نىشان) سىدۇر.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»