ۋىدېئو ئويۇن لايىھەلىگۇچىلەر ئىقلىم تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا
ئويۇن سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرى، دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان ئويۇنچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۆزىگە تارتىش مەقسىتىدە ئىقلىم مەسىلىلىرىنى ئويۇنلىرىغا قوشۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولماقتا.
ۋىدېئو ئويۇن لايىھەلىگۇچىلەر ئىقلىم تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا
ۋىدېئو ئويۇن لايىھەلىگۇچىلەر ئىقلىم تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا
2024-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى

ئويۇن لايىھەلىگۇچى سام ئالفرېد، ئىقلىم بوھرانى مەركەزىدىكى ۋىدېئو ئويۇن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلاردىن خەۋەردار.

ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئويۇنلار تىزىملىكىنىڭ بېشىدا، مۇھىتقا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئويۇنلار تۇرماقتا.

لېكىن ئالفرېد تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ مارت ئېيىدا بازارغا چىقىرىلغان «تېررا نىل» ئىستراتېگىيەلىك ئويۇنى، ئويۇنچىلارغا ئېكوسىستېمىلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەيدۇ ۋە تاراتقۇ تور شىركىتى دۇۋولىۋېر دىجىتال نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 300 مىڭ ئويۇنچىغا ئېرىشكەن.

 ئالفرېد «ئويۇن، تەبىئىي ھالدا، ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش ياكى كېەيمىچىلىك ۋە ئىشغالىيەت بىلەن ئالاقىسىز بولغاچقا، قانچىلىك كىشىنىڭ كەمسىتكەنلىكىنى ياكى مازاق قىلغانلىقىنى ھېسابلىيالمىدىم. مۇھىت ئويۇننىڭ مەركىزىي نوقتىسى ئىدى. مەقسەت، ئويۇنچىلارغا ۋە باشقا ئويۇن ياسىغۇچىلارغا شۇنداقلا كىشىلەرگە مۇھىتقا زىيان سالماي تۇرۇپمۇ بىر ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ياساپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتىن ئىبارەت ئىدى» دېدى.

30 ياشلىق جەنۇبىي ئافرىقالىق ئويۇن لايىھەلىگۇچى، بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تېررا نىل» ئويۇنچىلىرىدىن رادىئاكتىپ رايونلارنى ئاپتاپپەرەس بىلەن ياخشىلاش ۋە ئىقلىمغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ۋەزىپىلەرنىڭ قاتارىدا چوڭ توسما مېۋىلىك قايالىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئويۇنلىرى ئارقىلىق مۇھىتنى ئاسراش تەرەپكە ئىشارەت بېرىدىغان بىرىنچى لايىلىگۇچى ئۇ ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە تەنقىدكە ئۇچرىغان بىرىنچى كىشىمۇ ئۇ ئەمەس.

'قۇتۇپلىشىش'

2017-يىلى شەھەر قۇرۇش ئويۇنى «شەھەرلەر: كېڭىيىش» دا ئويۇنچىلارنىڭ بۇلغۇنۇش ۋە مۇھىتنى باشقۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىدىيال مېتروپوللىرىنى (چوڭ شەھەرلىرىنى) قۇرالايدىغان «يېشىل شەھەرلەر» ناملىق قوشۇمچە ئويۇنىنى تونۇشتۇردى.

ئويۇننىڭ ئارقىسىدىكى فىنلاندىيەلىك ئىستۇدىيونىڭ باش مۇدىرى مارينا ھاللىكائىنېن: «يېشىل شەھەرلەر قوشۇمچىسىنىڭ كۆرگۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە قۇتۇپلاشتۇرغان بىر نەرسە بولغانلىقى ئېسىمدە.  ئەسلىدە <سىياسەتكە كىرىپ، ئويۇننى بۇزۇۋەتتى> دېگگن چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى بار ئىدى» دېدى.

ئويۇننىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئويۇنچىلارنىڭ شەھەرلىرىنى يېشىل قىلىش-قىلماسلىقنى تاللىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھېچقانداق ئوچۇق سىياسىي ئۇچۇر يوقلىقىنى رەت قىلدى.

ئويۇنلىرىدا ئىقلىمنى تېمىغا قىلغان باشقا ئىستۇدىيولارمۇ بار.

ئى ستراتېگىيەلىك ئويۇنلارنىڭ ئاتاسى ھېسابلانغان «سىۋىلىزىشىن شىركىتى» 2019-يىلى ئالتىنچى نەشرىدە ئىقلىم بوھرانىنىمۇ ئويۇنغا قوشقان ئىدى.

يىلىغا ئەڭ ئاز بىر قېتىم ۋىدېئو ئويۇن ئوينايدىغان تەخمىنەن ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسان بارلىقىنى ئويلاشقاندا مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇ كىشىلەرنى كەڭرى ئاممىۋىي نىشان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ «ۋەزىپە 1.5» دېگەن بىر ئىقلىم ئويۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشقان ۋە ئويۇننىڭ ئالتە مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

'پەۋقۇلئاددە كۈچ'

ئويۇن ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرى، مۇھىتنى ئويۇنلىرىغا قانداق قوشۇشنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن ھەرخىل ھەمكارلىق گۇرۇھلىرىدا بىر يەرگە كېلىمەكتە.

ئىستۇدىيولار، سودا بىرلىكلىرى ۋە مەبلەغچىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن تەشكىل تاپقان «پىلانىت ئۈچۈن ئويناش» ناملىق ھەمكارلىق گۇرۇھى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىنمۇ قوللەپ قۇۋۋەتلەنمەكتە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى 2020-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى «يېشىل ئويۇن مۇسابىقىسى» نى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئويۇن ساھەسىنىڭ باشقا مۇھىم زاتلىرى 2019-يىلى بىر يەرگە كېلىپ، خەلقئارا ئويۇن ياسىغۇچىلار جەمئىيىتى (IGDA)نىڭ مۇھىت بۆلۈمىنى قۇرۇپ چىقتى.

تاراتقۇ تور شىركىتى يۇبىسوفت نىڭ سەنئەت مۇدىرى ۋە خەلقئارا ئويۇن ياسىغۇچىلار جەمئىيىتى (IGDA)نىڭ مۇھىت ساھەسىدىكى تونۇشلۇق خادىمى ئارنو فايول ئالدىنقى يىل ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا: «پەۋقۇلئاددە كۈچۈڭلار بار: سىلەر ئويۇن ياسىغۇچىلارسىلەر. ھازىر سۆزلىرىڭلارغا ئىشەنگەن يەر شارىنىڭ تۆتلى تەرىپىدە ئۈچ مىليارد ئويۇنچۇڭلار بار ۋە ئۇلار بىلەن سۆزلىشەلەيسىلەر، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى مەكتەپلەر ھەرگىز ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان قىزىقارلىق ، چەلپ قىلغۇچى بىر ئۇسۇلدا ئۆگىتەلەيسىلەر» دېگەن ئىدى

خەلقئارا ئويۇن ياسىغۇچىلار جەمئىيىتى (IGDA)نىڭ مۇھىت شۆبىسى، ۋىدېئو ئويۇنلىرىغا مۇھىت مەسىلىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە ئويۇنچىلارنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنى ئورتاقلاشقان تەخمىنەن 1500 ساھە خادىمى، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى، ئېكولوگىيە ۋە ئىقلىم مۇتەخەسسىسىنى بىر يەرگە جەم قىلماقتا.

فايول مۇنداق دېدى: «مەقسەت، ئېستېتىكا، ھېكايە سۆزلەش، ئويۇن مېخانىكىسى ۋە تېخنولوگىيە ۋاسىتىسى بىلەن ئىجابىي مەدەنىيەت تەسىرىنى ھاسىل قىلىشتۇر»

 

ئىزدىنىڭ
ياۋروپانىڭ يېڭى دەۋردىكى ھاۋا مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى: ئۇچقۇ سېپىلى قۇرۇش
پولات گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تېكنوفەستتە كۆرگەزمە قىلىندى
ئامېرىكا خىتايغا ئۆزەك ئېكىسپورتىنى چەكلىدى
ئەردوغانغا توگنىڭ «T10F» تىپلىق يېڭى مودېلى سوۋغا قىلىندى
ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىش
تۈركىيە مىللىي تانكىسى «ئالتاي»نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى باشلايدۇ
گوگۇل نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بىلەن 45 مىليون دوللارلىق ئىسرائىلىيە تەشۋىقاتى توختامى تۈزدى
«ئاسەلسان» 1مىليارد 300 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، ئېكسپورتتا يېڭى رېكورت ياراتتى
ھىندىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ كۆپ ئەقلىيفون ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
روكەتسان، IDEF  كۆرگەزمىسىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىملىرى ئىمزالىدى
تۈركىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى»غا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى مالايشىيا بىلەن تاكتىكىلىق ماشىنا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ئەردوغان، توگ (Togg) نىڭ يېڭى T10F مودېلىنى ئىستانبۇلدا سىناق قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ كۋانتاس ئاۋىياتسىيە شىركىتى: «ئالتە مىليون خېرىدارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى»
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خادىملىرىنىڭ ۋاتسئەپ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى