ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېكىتىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېكىتىلدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېكىتىلدى
/ REUTERS

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېكىتىلدى. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى جۈمە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. 

سۆھبەتلەرگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۆمېروۋ باشچىلىقىدىكى ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدۇ. 

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىل قىلىش توغرىسىدا قارارنامە ئېلان قىلدى. تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۆمەروۋ رەھبەرلىك قىلىدۇ. 

ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۆمېروۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي كىسلىتسا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولېكساندىر پوكلاد، تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولېھ لۇھوۋسكىي، مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى ئولېكسىي شېۋچېنكو، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات باش  ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋادىم سكىبىتسكىي، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېۋھېنيي شىنكارېۋ، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولېكساندىر دىياكوۋ، باش ئىشتاب باشقارمىسى مەركىزىي قانۇن ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ خەلقئارا ۋە ھەربىي ھەرىكەت قانۇنى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى    ئولېكسىي مالوۋاتسكىي، باش ئىشتاب باشقارمىسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پېشقەدەم ئوفىتسېرى ئولېكساندىر شېرىخوۋ، قوراللىق قىسىملار باش قوماندانىنىڭ ياردەم بېرىش بۆلۈمىنىڭ ئوفىتسېرى ھېئورھىي كۇزمىچېۋ ۋە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئولېكساندىر بېۋز قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Crucial meetings in Istanbul set stage for Russia-Ukraine peace talks

ۋلادىمىر مېدىنسكىي باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل گالۇزىن، رۇسىيە باش ئىشتاب باشقارمىسى ئىستىخبارات باش  ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىگور كوستيۇكوۋ ۋە رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.   

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئورۇن ئالغان مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا يەنە، رۇسىيە باش شتاب باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر زورىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېۋگېنىيا پودوبرېيېۋسكايا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر پولىشچيۇك ۋە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋلادىمىر شېۋتسوۋ قاتارلىقلارمۇ بار.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Istanbul peace talks: Ending Russia-Ukraine War to help boost regional trade

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى