تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
بالىكەسىردە F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ئاساسىي رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسى قوماندانلىق مەركىزىدىن قوزغالغان بىر F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن بولغان سىمسىز ئالاقە ۋە ئىز قوغلاش ئۇچۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بالىكەسىردە F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى
بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدە تۈركىيەنىڭ F-16 تىپلىق جەڭچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىزدەش ئەترىتى ۋەقە ئورنىدا تۇرماقتا، تېز ياردەم ماشىنىلىرى ساقلاپ تۇرماقتا. / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ بالىكەسىرنىڭ غەربىي شىمالىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 00:56 دە 9-ئاساسىي رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسى قوماندانلىق مەركىزىدىن قوزغالغان بىر F-16 ئايروپىلانى بىلەن بولغان سىمسىز ئالاقە ۋە ئىز قوغلاش ئۇچۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دەرھال باشلانغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى. مىنىستىرلىق باياناتىدا: «ئۇچقۇچىمىز شېھىت بولدى. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋەقە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن ئېنىقلىنىدۇ. شېھىت بولغان ئۇچقۇچىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەمىزگە ۋە ئەزىز مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.

بالىكەسىر ۋالىيسى ئىسمائىل ئۇستئوغلۇمۇ شېھىت ئۇچقۇچىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
تۈركىيە ئەنقەرەدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 103 ياشقا كىردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئىران - تۆت تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ