ئىنگلىزچىدىكى «لاۋ» (love) سۆزىنى تۈركچىدە «ئاشىق»، ۋېنگىرچىدا بولسا «سلەلەم» (szerelem) دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئۇقۇم ئۈچ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولامدۇ؟
چاپېل خىل شىمالىي كارولىنا ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن ماكىس پلانك ئىنسانىيەت تارىخى بىلىملىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھېسسىيات ئۇقۇمىنى تەكشۈرۈپ، ئاچچىقلىنىش، قورقۇش، خۇشاللىق قاتارلىق ھېسسىياتلارنى ئويلاش ئۇسۇلىمىزنىڭ تىلىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مىليونلىغان نوپۇسقا ئىگە تىللاردىن تارتىپ نەچچە مىڭ نوپۇسى بار تىللارغىچە تەخمىنەن 2500 خىل تىلنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ تەتقىقات ماقالىسى «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
ھېسسىياتنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلگەن بەزى سۆزلەر ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار پەقەت مەلۇم مەدەنىيەتكە تەۋەدەك قىلىدۇ. مەسىلەن، نېمىسچىدىكى كۈچلۈك سېغىنىشنى بىلدۈرىدىغان «زېنزۇخت» (Sehnsucht) سۆزىنى ئىنگىلىزچىدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى بايىنىڭ خەلقى مېھمانلار ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېس قىلىنىدىغان كۆڭلى يېرىملىقنى ئىپادىلەيدىغان «ئاۋۇمبۇك» (awumbuk ) سۆزىمۇ شۇنداق ...
دۇنيا تىللىرىدا باشقا نۇرغۇن ھېسسىيات ھالەتلىرىگە ماس كېلىدىغان سۆزلەر بار. بۇ ئەھۋال ئالىملارنى بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردا مەنىسىنىڭ قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىگە قىزىقتۇرىدۇ.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن «كۆپ مەنىلىك ياكى ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىغان» سۆزلەردىن پايدىلاندى. بۇ بىر سۆزنىڭ بىردىن كۆپ مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان مەنىلىرىنىڭ شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئۇقۇم جەھەتتىن ئوخشاش دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن، ئىنگلىزچىدىكى «قىزىقارلىق» (funny) سۆزى يۇمۇرلۇق ھەم غەلىتە مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يۇمۇر دائىم غەلىتە ئىشلاردا ئۇچرايدۇ. رۇس تىلىدا «رۇكا» (ruka) سۆزى ئىككى قول ۋە بىلەك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ياپونچىدىكى «كى» (ki) سۆزى ھەم دەرەخ ھەمدە ياغاچنى كۆرسىتىدۇ. فىرانسۇزچىدىكى «فېممې» (femme) سۆزى بولسا، ئايال ۋە بىرسىنىڭ ئايالى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
تەتقىقاتچىلار بىرلىككە كەلگەن ھېسسىيات ئۇقۇمى تورىنى قۇرۇپ، ئۇلارنى تىل ۋە تىل ئائىلىلىرى ئارا سېلىشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئىنچىكە نۇقتىلاردا زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.
مەسىلەن، ئاۋسترىيە تىللىرىدا «ھەيران قېلىش» سۆزى «قورقۇنچ» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي خىتاينىڭ تەي-كاداي تىللىرىدا «ھەيران قېلىش» سۆزى «ئۈمىد» ۋە «ئارزۇ».ئۇقۇمى بىلەن باغلانغان.
ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا «قايغۇ» سۆزى «ئاچچىقلىنىش» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئاۋستىرىيە تىللىرىدا بەكىرەك «تەقدىر» ۋە «پۇشايمان قىلىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «ئىپتىخار» ئۇقۇمى مەدەنىيەتكە قاراپ ئاكتىپ ياكى سەلبىي ھېسسىياتقا باغلانغان.
دەسلەپكى ھېسسىيات ئادەم مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەن
ماقالىنىڭ پېشقەدەم ئاپتورى دوچەنت دوكتور كرىستېن لىندۋىست (Kristen Lindquist) فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا «ھەر بىر تىل ئائىلىسىنىڭ ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قارىماققا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم بايقاش» دېدى.
تەتقىقاتتا، ئوخشاش ئورتاق سۆزلەرگە ئىگە تىل ئائىلىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىنلىقى ۋە بۇ خىل كۆپ خىللىقنىڭ سودا، بويسۇندۇرۇش ۋە كۆچۈش ئەندىزىلىرىگە باغلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
بىراق، بىر قىسىم ئاممىباب بايقاشلارمۇ بار. بارلىق تىللار ھېسسىياتنى كەچۈرمىشنىڭ يېقىملىق ياكى يېقىمسىز بولۇشىغا، تۆۋەن ياكى يۇقىرى دەرىجىدە قوزغىلىش سەۋىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا قارىتا پەرقلەندۈرىدۇ.
ناھايىتى ئاز تىللار قايغۇ-ھەسرەت ھېسسىياتىنى «ئاچچىقلىنىش، غەزەپ» ھېسسىياتى بىلەن ئوخشاش ئىپادىلەيدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى تىللارلا «خۇشاللىق» نىڭ يېقىملىق ھېسسىياتىنى، يېقىمسىز «پۇشايمانلىق» ھېسسىياتىغا ئوخشىتاتتى.
بۇ بەزى دەسلەپكى ھېسسىياتلارنىڭ سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ مېڭىسىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يېڭى تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق ئۇلارغا يېڭىسىنى قوشقانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنى قوللايدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ باش ئاپتورى جوشۇا جېكسون (Joshua Jackson) فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «ھېسسىياتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى بار، ئەمما كىشىلەر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز مەدەنىيىتى ئىچىدە بۇ قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھېسسىياتنى ئاتاش ئۇسۇلىمىز، ھېسسىياتنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلىمىز بۇ جەرياننىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. شۇڭا، بىزنىڭ بۈگۈنكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز كۆپ خىللىققا ئىگە.»















