تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى
جۇمھۇر رەئىس، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ غەززەدە كۆرۈلگەن ۋەيرانچىلىقنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كۈچەيگەن جىددىي ۋەزىيەتكە دىققەتلەرنى تارتتى.
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران ۋە لىۋاندا مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغانلىقىنى ئېيتقان «قانخور بىر تور» نى ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ غەززەدە كۆرۈلگەن ۋەيرانچىلىقنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، رايوندا زوراۋانلىق كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ داۋاملىق نىشانغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «غەززەدە بولغاندەك، ئىران ۋە لىۋاندىمۇ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشان قىلغان قانخور بىر تور ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye vows to resist provocations amid ‘Lebanon genocide’ fears

جۇمھۇر رەئىس رايوندا جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ ئېھتىياتچانلىق ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە: «تۈركىيە بىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۇ ئەقىلدىن ئادىشىش مۇھىتىدا، كرىزىسلارنى ھەل قىلىش يولىدا ئەقىل، سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيەنى ياقىلايدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

يېقىن شەرقتىكى كرىزىس، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارىتا بىرلەشمە ھۇجۇم باشلىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

ھۇجۇملاردا ئىراننىڭ سابىق دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېي ۋە 150 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارالانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بۇنىڭغا قارىتا ئىران؛ ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى. توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيان سەككىز ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»