ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى پەلەستىن ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىشىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

By
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى پەلەستىن ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى / AP

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەد يىلدىز ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ غەززەگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈشنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە خەلقئارا قانۇننى قوغداش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

چارشەنبە كۈنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن كېڭەشتە سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەد يىلدىز، 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك دۈشمەنلىكلەرگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى، ئەمما كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئۇرۇش توختىتىش كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىقنى ئازايتقان ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە قولايلىق ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ تەكرارلىنىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقان چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن يەنىلا ئاجىزلىقىنى ساقلاپ قالماقتا. بۇ ئەھۋال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) ۋە خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىغا قارىتا قوللىنىلىۋاتقان باشقا ئېغىر تەدبىرىلەر ھەمدە ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن خەلقىگە مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يېتىپ بېرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا.»

خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىز: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز» دېيىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ساھەدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە پەلەستىن خەلقىگە، بولۇپمۇ غەززە رايونى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تاجاۋۇزچىلىقىنى، قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قانۇنسىز قىلمىشلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشىغا توسالغۇ بولماقتا.»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى قارشى ئالدى. يىلدىز تەشكىلاتنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلىنىشىنى» ۋە «غەززە رايونىنى باشقۇرىدىغان، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى قوللايدىغان ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى ئورگان سۈپىتىدە پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى» ھەققىدىكى باياناتنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارالىق ھەرىكەت چاقىرىقى

يىلدىز: «پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىشى مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېزدىن قەدەم تاشلىشىنى قايتا تەلەپ قىلىمىز» دېدى ۋە بۇنىڭ «ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ھەمدە كۆپ تەرەپلىمىلىك سىستېمىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىنىڭ ماس قەدەملىك ئىنسانىي ياردەم بېرىشتىكى رولى» نىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەكىتلىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى: «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ چوقۇم ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ جولان ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بېسىۋېلىنغان ئەرەب تۇپراقلىرىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى» يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

تەشكىلات يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن سىرتىدىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2024-يىلى 8-دېكابىردىن بۇيان سۈرىيە تۇپراقلىرىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە 2024-يىلى 27-نويابىردىن بۇيان لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىشنى نىشان قىلغان كېلىشىمگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىلدىز سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى گۇرۇپپىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى خەلقئارا قانۇننى قوغداش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە پەلەستىن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىيىتىگە ۋە ئادالەتسىزلىكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جىددىي ۋە بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە 486 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1341 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئۇرۇش توختىتىش 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە قوزغىغان ۋە ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان، 71 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 171 مىڭ كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە غەززەنىڭ پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تەخمىنەن يۈزدىن 90 قىسمىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلاتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.