تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، قاتار زىيارىتى جەريانىدا «Katar TV» گە بايانات بەردى.
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار زىيارىتى جەريانىدا قاتار تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بەردى.
 

فىدان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە قايتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «قاتار يەنە بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بارلىق ئىجابىي چارە-تەدبىرلەرنى ۋە بارلىق يوللارنى ئىشلىتىپ قولىدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خۇدا خالىسا، يېقىن كۈنلەردە ياخشى بىر خەۋەر ئالىمىز. تۈركىيەمۇ بۇ مەسىلىدە قاتار بىلەن يېقىن ماسلىشىپ ئىشلىمەكتە.»

قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنىڭ ئۇلى رەھمەتلىك قاتار ئەمىرى شەيخ ھامەد بىن خەلىفە ئال سانى دەۋرىدە تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خاقان فىدان: «بىز بۈگۈنكى كۈندە، لىۋاندىن ئافغانىستانغىچە، ئافغانىستاندىن سۇدانغىچە، سۇداندىن غەززەگىچە، شۇنداقلا پەلەستىن ۋە ئىران مەسىلىلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلاردا تۈركىيە-قاتار ھەمكارلىقىنىڭ ئالاھىدە ئۈلگە ياراتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ باشقىلار تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، بىز ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقاندەك، رايوندا رىقابەتنىڭ ئورنىغا ئىجابىي بىر ھەمكارلىققا ئېھتىياج بار. قاتارمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە» دېدى.

پارس قولتۇقى رايونىدا قاتارنى ئاساس قىلغان ھالدا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئوماننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان فىدان، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا ئۆلچىمىدە ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەت ۋە شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خاقان فىدان 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-ئىران ۋەقەلىرىنىڭ رايون ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ كىرىزىسنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ رايوندا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇملارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن فىدان: «تىلىكىمىز شۇكى، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىلسۇن. مەلۇم بولغىنىدەك، پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى، شۇنداقلا قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ تۆھپىسى بىلەن بىر كېلىشىم لايىھەسى تۈزۈلگەن ئىدى. لېكىن، كېيىنچە بىز بۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتتۇق. قايتىدىن بۇنىڭغا قايتىش زۆرۈر» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان، قاتار زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا مۇشۇ تېمىلار ئۈستىدە توختالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:

«شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈۋاتىمەنكى، قاتار يەنە بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىجابىي ئۇسۇللارنى ۋە يوللارنى قوللىنىش ئارقىلىق قولىدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خۇدا خالىسا، يېقىن كۈنلەردە ياخشى بىر خەۋەر ئالىمىز. تۈركىيەمۇ بۇ مەسىلىدە قاتار بىلەن يېقىن ماسلىشىپ ئىشلىمەكتە. قاتارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى، شۇنداقلا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى تۈركىيەنىڭمۇ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇندۇر. شۇڭلاشقا، ھەم (پارس) قولتۇقى رايونى، ھەم باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەردە بولغىنىدەك، بۇ مەسىلىدىمۇ بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى