ترامپ: بىز «ياردەمگە تەييار»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرانلىقلارنىڭ «ئەركىنلىككە تەلپۈنۈۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى، تېھران ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋنى نامايىشلارنى كۇشكۇرتۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

By
ترامپ ئىراندا نامايىشاركۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ «ياردەم بېرىشكە تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نامايىشلار پۈتكۈل ئىرانغا يېيىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىرانلىقلارنىڭ «ئەركىنلىككە تەلپۈنۈۋاتقانلىقى» نى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ شەنبە (2026-يىلى 10-يانۋار) كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى  «Truth Social»دا مۇنداق دەپ يازدى: «ئىران ئەركىنلىككە تەلپۈنمەكتە، بەلكىم ئىلگىرى ئەزەلدىن بۇنداق بولۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ياردەم بېرىشكە تەييار!!!»

ئىراندا 12-ئاي (2025) نىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر قاتار نامايىشلار يۈز بەردى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئىران پۇلى رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. نامايىشلار 28-دېكابىر تېھراننىڭ ئۈستى يېپىق چوڭ بازىرى ئەتراپىدا باشلاندى، كېيىنچە باشقا بىر قانچە شەھەرگە تۇتاشتى.

ئىنتېرنېت تورى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكتىن، نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەش مۇمكىن بولمىدى.

جۈمە (9-يانۋار) كۈنى، ترامپ قالايمىقانچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئىراننىڭ «چوڭ ئاۋارىچىلىق» قا يولۇققانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىران دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى ئۆلۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈچ ئىشلەتمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى بولسا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى قالايمىقانچىلىققا كۇشكۇرتۇش بىلەن ئەيىبلەپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ «بۇزغۇنچىلارغا ھېچقانداق كەڭ قورساقلىق قىلمايدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.

لوندونغا جايلاشقان ئىنتېرنېت كۆزىتىش ئورگىنى »نېت بلوكس« (NetBlocks)  نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراندا ئىنتېرنېت «48 سائەتتىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان« بولۇپ، يىراقتىن ئۆلچەش سىستېمىسى مەلۇماتلىرىنىڭ، ئىران مىقياسىدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنىڭ «يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى» نى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.