سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
مودى: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇقىم ئىلگىرىلەش بولدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى سەيشەنبە كۈنى (19-ئاۋغۇست) خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «مۇقىم ئىلگىرىلىگەنلىكى» نى ئېيتتى
مودى: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇقىم ئىلگىرىلەش بولدى
مودى (ئوڭدا) ۋاڭ يى (سولدا) بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «مۇقىم ئىلگىرىلىگەنلىكى» نى ئېيتتى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى يېڭى دېھلىدا كۈتۈۋالغاندىن كېيىن قىلدى.

مودى ئېكس (X) بېتىدە: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇشالمەن» دەپ يازدى.

مودى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ «بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە سەزگۈرلىكىگە ھۆرمەت قىلىش» نىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغانلىقىنى ئېيتىپ، «مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، ئىجابىي مۇناسىۋەت» نى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ رايون شۇنداقلا «يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى» گە زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خىتاي دىپلوماتى ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال بىلەن 24-نۆۋەتلىك چېگرا سۆھبىتى ئۈچۈن كۆرۈشتى.

ۋاڭ يىنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكا-ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە جىددىيلەشكەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. چۈنكى ۋاشىنگتون يېڭى دېھلىنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتنى «ئادالەتسىز سودا» ۋە ئۇكرائىنادىكى قوراللىق توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقاندا رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش ماشىنىسى» نى «مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» بىلەن ئەيىبلەپ، %50 تاموژنا بېجى بىلەن جازالىغان ئىدى.

يېڭى دېھلى «ئادالەتسىز ۋە ئادىل بولمىغان» تاموژنا بېجىغا قارشى تۇرغان.

مودىنىڭ باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، باش مىنىستىرنىڭ ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىشىدا، «چېگرادا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسىنى ئادىل، مۇۋاپىق ۋە ئۆزئارا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىشقا بولغان ۋەدىسىنى تەكرارلىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مودىغا مۇشۇ ئاي (ئاۋغۇست) نىڭ ئاخىرىدا تيەنجېندە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرى ۋە تەكلىپىنى تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستاننىڭ باياناتىدا، مودىنىڭ شى جىنپىڭغا تەكلىپنامە ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقانلىقى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 باياناتتا يەنە، مودىنىڭ «ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىجابىي مۇناسىۋەتنىڭ رايون ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىقى، شۇنداقلا گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى تەرەپ چېگرا ئىشلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ

بېيجىڭنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى دوۋالغا مۇناسىۋەتنىڭ «مۇقىم تەرەققىيات يولىغا كىرگەنلىكىنى، چېگرا مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق مۇقىملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى» ئېيتقان.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ «ئوخشاش كۆز قاراش ۋە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى «دىيالوگ ۋە ئالاقە ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش» كە چاقىرغان ۋە بۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭغا جاۋابەن، دوۋال ھازىر ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا قارىتا، «چۈشىنىشنى ئاشۇرۇش، ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ھىندىستاننىڭ «بىر خىتاي سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا،  ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا رايونىدا «تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاش ۋە چېگرانى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۈچۈن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا، «چېگرا ئايرىشتا بالدۇر ھوسۇل ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئۈچۈن بولسا، بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز