غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە، 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، غەززەدە 904 كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 2713 كىشىنى يارىيلاندۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەل-مەۋاسى رايونىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان بىر لاگېرنى نىشانلىغان دۈشەنبە كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىر پەلەستىنلىك ئايال ۋە بىر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئاز دېگەندە 22 كىشى يارىلاندى.

سەھىيە مەنبەلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەل-مەۋاسىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلانغان غەيس لاگېرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى نەتىجىسىدە 31 ياشلىق بىر ئايال بىلەن 6 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 20 كىشى يارىلاندى.

يەرلىك مەنبەلەر ۋە شاھىتلار، ئىسرائىلىيە بومباردىمانىنىڭ نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان پاناھلىنىش لاگېرىدىكى نۇرغۇن چېدىرنى نىشانلىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يارىلىنىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli strikes on residential areas and civilian gathering in Gaza injure seven

غەززەنىڭ مەركىزىدە بولسا يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەتىگەندە مەغەزى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆينى نىشانلىغان بولۇپ،  ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى پەلەستىنلىك يارىلانغان.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش داۋاملاشماقتا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان 904 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىگە، 2 مىڭ 713 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ھالبۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالا بولۇپ جەمئىي 72 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 172 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈزدە 90 ىغا زىيان يەتكۈگەن شۇنداقلا غايەت زور ۋەيرانچىلىققا يول ئاچقان ئىككى يىللىق قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىش مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىىش كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ