سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ۋەيران بولۇش گىردابىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەدەم تاشلىدى
فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە سەيشەنبە كۈنى ئەدلىيە، ساقچى ۋە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى قاتارلىق توختاپ قالغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى قايتا قوزغىتىش ھەققىدە كېلىشتى.
فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ۋەيران بولۇش گىردابىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەدەم تاشلىدى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ئەلجىرىيە پرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەلجىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا. / AFP

تەرەپلەر ئارىسىدا ئۇدا بىر قانچە داۋاملاشقان دىپلوماتىك سۈركىلىشتىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە، ساقچى ۋە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى قايتا باشلاندى؛ ھالبۇكى، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىن تارتىپ غەربىي سەھرا مەسىلىسىگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلار فىرانسىيە-ئالجىرىيە مۇناسىۋەتلىرىگە يەنىلا كۈلەڭگە چۈشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە سەيشەنبە كۈنى ئەدلىيە، ساقچى ۋە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى قاتارلىق توختاپ قالغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى قايتا قوزغىتىش ھەققىدە كېلىشتى. ئەمەلدارلار بۇنىڭغا جىددىيلەشكەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئوڭشاش يولىدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم دەپ باھا بەردى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت نۇنېز مەزكۇر قارارنى پايتەخت ئالجىرىيەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تەببۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلدى. بۇ  يۇقىرى دەرىجىلىك بىر فىرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئالجىرىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇنېز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى سەئىد سايۇد ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنىڭ «نورمال بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرى»نى قايتا ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان مېخانىزمنى قايتا باشلاش ئۈچۈن رەسمىي بىر كېلىشىم بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئەدلىيەدە ماسلىشىش، ساقچى ھەمكارلىقى، ئىستىخبارات ئورتاقلىشىش ۋە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش، شۇنداقلا ئىككى ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئەڭ چىگىش مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇنېز بۇ تەدبىرنىڭ «مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ «ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە» قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەڭ كەسكىن سۈركىلىش نۇقتىلىرىدىن بىرى، فىرانسىيەنىڭ 2024-يىلى ئىيۇلدا ماراكەشنىڭ غەربىي سەھرا ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونومىيە تەكلىپىنى قوللاش يۆنىلىشىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىدىن كېيىن يۈز بەردى. بۇ قەدەم ئالجىرىيە تەرىپىدىن قەتئىي رەت قىلىندى. سەيشەنبە كۈنىدىكى بايانات يېڭى بىر جەرياننىڭ باشلانغانلىقىدىن بېشارەت بەرسىمۇ، ئەمەلدارلار مۇناسىۋەتلەرنىڭ تولۇق نورماللاشقانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.

ئىزدىنىڭ
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ