سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىلخان ئۆمەر پىرېزىدېنت ترامپقا: «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈردۈڭ!» دەپ ۋاقىردى
ئامېرىكا كونگرە ئەزاسى «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتقى» جەريانىدا، ترامپقا «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈردۈڭ!» دەپ ۋارقىرىدى.
ئىلخان ئۆمەر پىرېزىدېنت ترامپقا: «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈردۈڭ!» دەپ ۋاقىردى
ئىلخان ئۆمەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈردۈڭ!» دەپ ۋارقىردى. 2026-يىلى 24-فېۋرال، رويتېرس. / Reuters

پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كونگرە ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر كونگرەدىكى كەسكىن بىر پەيتتە، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئۆزئارا قاتتىق ئەيىبلەشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ترامپ بىلەن كونگرە ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىك يۈز بەردى.

پىرېزىدېنت ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى كونگرە ئەزالىرىنى كۆچمەنلەر سىياسىتى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوللىمايدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ سەيشەنبە (24-فېۋرال) كۈنى كونگرەنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش» نۇتقى سۆزلىگەندە، كونگرە ئەزالىرىنى ئەگەر ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتنىڭ «تۈپ پرىنسىپى»غا قوشۇلسا، ئورنىدىن تۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن بىرى، ئامېرىكالىقلارغا ئۆز ۋەكىللىرىنىڭ زادى نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىدۇ.»

شۇڭا، بۈگۈن كېچە مەن ھەر بىر كونگرە ئەزاسىنى ھۆكۈمىتىمىز بىلەن بىرلىكتە بىر تۈپ پىرىنسىپنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن. ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا قوشۇلساڭلار، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قوللايدىغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى غەيرىي قانۇنىي كۆچمەنلەرنى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداشتۇر.»

دېموكرات كونگرە ئەزالىرى ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇۋەردى، ترامپ سەھنىدە تۇرۇپ ئۇلارغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلاردىن نومۇس قىلىشىڭلار كېرەك» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كونگرەنى «پاناھگاھ شەھەر»  دەپ ئاتالغان سىياسەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە ھەمدە ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن كىملىكسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئەمەلدارلارنى جازالاشقا چاقىردى.

پىرېزىدېنت ترامپ سۆز قىلىۋاتقاندا، مىننېسوتا ئىشتاتىدىن بولغان دېموكرات كونگرە ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئىلخان ئۆمەر: «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسەن! سەن نومۇس قىلىشىڭ كېرەك!» دەپ ۋارقىرىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump declares 'Golden Age of America' in first State of the Union of second term
ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى