سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان سۈركىلىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى
جەنۇبىي كورېيەدە ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى بويىچە تەخمىنەن 28500 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئا پ. / AP

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ شەنبە (2026-يىلى 21-فېۋرال) كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە ھەپتە بېشىدا سېرىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەم كۆرۈلىدىغان سۈركىلىش سەۋەبىدىن، ئامېرىكانىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا (USFK) نارازىلىق بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيە يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھەربىي خادىملارنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇداپىئە مىنىستىرى ئان گيۇ باك (Ahn Gyu-back) چارشەنبە (18-فېۋرال) كۈنى ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بىرلەشمە قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئامېرىكانىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال شاۋىئېر برۇنسون  (Xavier Brunson)  غا تېلېفون قىلىپ نارازىلىقىنى يەتكۈزگەن.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جىن يۇڭ سۇڭنىڭمۇ گېنېرال برۇنسون بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ئوخشاش نارازىلىقنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 10 دانە «F-16» كۈرەشچى ئايروپىلانى قاتناشقان بىر قېتىملىق ھاۋا مانېۋىرى جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئايروپىلانلىرى سېرىق دېڭىز تەۋەلىكىدە قىسقا مۇددەتلىك تىركىشىش (ھاۋا سۈركىلىشى) ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، «F-16» ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي كورېيە بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونلىرى (ADIZ)  ئوتتۇرىسىدىكى بىر نۇقتىغىچە ئۇچۇپ بارغان.

بۇ ھەرىكەت خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونغا ئۆز كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىشىگە سەۋەب بولغان؛ ئەمما ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھىندى-تېنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى بولغان «ئامېرىكانىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى»، مانېۋىر پىلانىنى سېئۇل ھەربىي دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرغان، ئەمما مانېۋىرنىڭ مەقسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلاتلار ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر بەرمىگەن.

جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكانىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاشىنگتون بىلەن سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تەخمىنەن 28 مىڭ 500 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - South Korean army Cobra helicopter crash during drill kills two
ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى