تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
سۆھبەتتە، رايوندا بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت ۋە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئىراندىن ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، بۈگۈن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ داخىيە رايونىنى بومباردىمان قىلغان، ئىران دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىران ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ مەركىزى بولغان رامات داۋىد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.























