تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە ۋە خىتاي ئىنژېنېرلىرى چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە يىراق رايونلاردىكى سانائەت ساھەلىرى ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھنى ئاساس قىلغان سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركسات بىلەن خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش سودا شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / َAA

تۈركىيە بىلەن خىتاي تۈركسات (تۈركىيە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى) (TURKSAT) ۋە «خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش شىركىتى» (China Satcom) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئورتاق تەتقىقات-تەرەققىيات (R&D)، مەھسۇلات ئېچىش ۋە سودىلاشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىدۇ.

77-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاستروناتىكا قۇرۇلتىيى (IAC 2026) ئانتاليادىكى كونگرە كېڭەش مەركىزىدە داۋاملاشماقتا. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ «يەر شارى خەۋەرلىشىش ھەمراھى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. مەزكۇر قۇرۇلتاي خەلقئارا ئاستروناتىكا فېدېراتسىيەسى (IAF) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە ئالەم بوشلۇقى ئورگىنى (TUA) ۋە مۇداپىئە، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى (SAHA) ئىستانبۇلنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

قۇرۇلتايدا تۈركىيە شىركەتلىرى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركسات بىلەن خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ سودا شىركىتى  خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش سودا شىركىتى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇنىۋېرسال كېلىشىم ئىمزالىغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Antalya hosts IAC 2026: What to know about the global space gathering

يېڭىلىق يارىتىشچان مەھسۇلاتلار ۋە ھەل قىلىش چارەلىرى

ئۆتكەن يىلى (2025) ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى سىغىمچانلىقنى ئورتاقلىشىش بىلەن باشلانغان ھەمكارلىق، پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالەم بوشلۇقى سودا ھەپتىلىكىدە ئېلىنغان قارارلار بىلەن كېڭەيتىلدى. ھازىر قاتتىق دېتال ۋە يۇمتال تەرەققىياتىغا يۈزلەنگەن مەزكۇر ھەمكارلىق، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئورتاق تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركسات ۋە خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش سودا شىركىرى ئۇچقۇ (UAV) خەۋەرلىشىش سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھنى ئاساس قىلغان ئۈسكۈنىلەر ئىنتېرنېتى (IoT) تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

بۇ ھەمكارلىق بازار ئېھتىياجىنى ئانالىز قىلىشتىن تارتىپ، دەسلەپكى نۇسخا تىپلىرىنى (prototype) ياساش، سىناق قىلىش، دەلىللەش ۋە سودىلاشتۇرۇشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye will not back down from its space ambitions: President Erdogan

تۈركسات ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنولوگىيە تەمىنلىگۈچى بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئۈسكۈنىلەر ئىنتېرنېتى تېخنىكىسى، كېلىشىمدىكى مۇھىم ساھەلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەمكارلىق يەرلىك خەۋەرلىشىش تورى بولمىغان رايونلار ئۈچۈن مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يانفون تورى بولمىغان يىراق رايونلاردا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان قاتتىق دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى چەكلىك خەۋەرلىشىش ئۇل-ئەسلىھەلىرى چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە سانائەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزۈشتە بوشلۇق پەيدا قىلماقتا. تۈركسات ۋە خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش سودا شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى يانفون مۇنارلىرى ياكى تالا ئوپتىكىلىق تورلارنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىغان، يىراق ۋە قىيىن شارائىتلىق رايونلاردا دەل ۋاقتىدا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزەلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ۋە سۈنئىي ھەمراھنى ئاساس قىلغان ئۈسكۈنىلەر ئىنتېرنېتى سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ ھەمكارلىقنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ تەڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورتاق يېتەكچى كومىتېت قۇرۇلىدىغان بولۇپ، خىزمەتلەر ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى