سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەققى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
ئىران مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغان قانۇن لايىھەسى، پاراخوتلاردىن ئىران رىيالى بىلەن ھەق ئېلىش، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بار ھەمدە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە تەۋە پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى مەنئىي قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەققى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەققى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىران مەجلىسى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلاردىن ھەق ئېلىشقا دائىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

بۇ لايىھە مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاراخوتلارنىڭ ئىراننىڭ مىللىي پۇلى بولغان رىيال بىلەن ئۆتۈش ھەققى تۆلىشىگە ئالاقىدار مالىيە ماددىلىرىمۇ بار.

فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كومىتېت ئەزاسى مۇجتەبا زارېي مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بار پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى چەكلەيدىغان ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قوشۇمچە ماددىلار ئىرانغا قارىتا بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭمۇ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى مەنئىي قىلىدۇ.

مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەجلىسنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىغا، ئاندىن ئاساسىي قانۇننى قوغداش كېڭىشى تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىگە ۋە پىرېزىدېنت تەرىپىدىن ئىمزالىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايونلۇق جىددىيچىلىك بارغانسېرى يامانلاشماقتا. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. بۇ ھۇجۇملار جانغا زامىن بولۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى بازارلار ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى