خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىدىن «ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەر» نىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى / AP
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنى قۇرۇش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە كېڭەشتىن «دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەر» نىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا: «غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. كېڭەشتىن ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرى ئورۇن ئالىدۇ» دېدى.

ترامپ بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن خەلقئارادا كۈچلۈك قىزىقىش بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ھەممە ئادەم بۇ كېڭەشتىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدۇ» دېدى.

ترامپ رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە تەخمىنەن 15 دۆلەت رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزكۇر كېڭەش، كېيىنچە قۇرۇلىدىغان پەلەستىن كەسپىي خادىملار ھۆكۈمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە غەززەدىكى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى كۆزىتىدۇ.

كېڭەشكە قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر ۋە تۈركىيە بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سابىق ئالاھىدە ۋەكىلى نىكولاي ملادېنوفنىڭ تىنچلىق كېڭىشىنىڭ ساھەدىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

 كېڭەشنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قارىماي، ترامپ بۇنىڭ قاچان قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى تىنچلىق كېڭىشىنى ئالدىنقى ئايدا تونۇشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇنى ئېلان قىلىشنى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 71 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى