ئىسىرائىلىيە يېڭى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى

ئىسرائىلىيە غەززە ئۇرۇش توختتىش شەرتنامىسىگە قارىماي، 2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 34 مىليارد دوللارغا ئۆستۈردى.

By
كاتز پېنتاگوندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 18-ئىيۇل. (سۈرەت: رويتېرس، ئارخىپ) / AP

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز (Israel Katz) بىلەن مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سىموترىچ (Bezalel Smotrich) مۇداپىئە چىقىمى رامكىسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىسىرائىلىيە كابىنېتى كېلەر يىللىق خامچوتنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ خامچوت چوقۇم مارت ئېيى (2026) غىچە تەستىقلىنىشى كېرەك، بولمىسا يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن.

ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە (5-دېكابىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ 112 مىليارد شېكېل (تەخمىنەن 34 مىليارد 630 مىليون دوللار) قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ رەقەم دەسلەپكى لايىھەدىكى 90 مىليارد شېكېلدىن ئاشۇرۇلغان.

مىنىستىرلار پەيشەنبە (4-دېكابىر) كۈنى ئادەتتە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان يىغىننى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بېلەت تاشلاش جۈمە كۈنى سەھەردە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئەگەر لايىھە ماقۇللانسا، دەسلەپكى تەستىق ئۈچۈن پارلامېنتقا يوللىنىدۇ.

كاتز ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى داۋاملىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشخانىسى ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى (IDF) كۈچەيتىش، جەڭچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق ھەل قىلىش ۋە زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كەسكىن ھەرىكەت قىلىمىز.»

سىموترىچنىڭ ئىشخانىسى 2026-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئۇرۇش پارتلاشتىن بۇرۇنقى 2023-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 47 مىليارد شېكېل كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېل ئاۋىۋنىڭ غەززەگە قاراتقان رەھىمسىز ئۇرۇشى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتكە توختىدى، ئىسرائىلىيە 2024-يىلى پەلەستىن رايونى ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇش ئۈچۈن 31 مىليارد دوللار سەرپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە شۇنىڭدىن كېيىن، غەززەدىكى ھاماس ۋە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزدى.