سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشەلەر، ئامېرىكانىڭ ھەربىي پىلانىغا تەسىر كۆرسەتكەن؛ ئاقساراي بىلەن پېنتاگون بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى كەسكىن رەت قىلدى.
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
پېت خېگسېت مەرىلەند ئىشتاتىدىكى كەمپ دەيۋىدتا ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا سۆز قىلماقتا، 31-ئىيۇل، 2026. سۈرەت: ئا پ.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ چارشەنبە (2026-يىلى 5-ئاۋغۇست) كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە كامپ داۋىدتا (Camp David) ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدا، ئۇرۇش مىنىستىرى پېت خېگسېت بىلەن مۇھىم ئوق-دورا كەمچىللىكى مەسىلىسىدە يۈزتۇرانە سۆزلەشكەن.

گېزىتنىڭ بۇ سۆھبەتتىن خەۋەردار ئىككى كىشىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ترامپ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ راكېتالىرى قاتارلىق مۇھىم قوراللارنىڭ كەمچىللىك مەسىلىسىنىڭ تېخىچە ھەل قىلىنمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەسلىدە ترامپ بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ بولدى دەپ قارايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قورال زاپىسىنىڭ تۈگىشىگە بولغان ئەندىشە، ترامپنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئىرانغا قارىتا قوشۇمچە چوڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش پەرمانىنى چۈشۈرمەسلىك قارارىغا سەۋەب بولغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli officials claim Trump seeks Iran agreement 'at any cost'

ئاقساراي خەۋەرنى رەت قىلدى

خەۋەرگە قارىغاندا، خېگسېت ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئاقلىغان ھەمدە ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ستېفېن فېينبېرگنى  (Stephen Feinberg) قورال كەمچىللىكىگە ۋە پىرېزىدېنتقا ئامېرىكا قورال ئامبىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىگە مەسئۇل دەپ قارىغان.

خەۋەردە يەنە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىملىرى بولسىمۇ، «ۋەتەنپەرۋەر» راكېتاسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىككى يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئاقساراي مەزكۇر خەۋەرنى رەت قىلدى، باياناتچى كارولىن لېۋىت بۇنى «%100 ساختا خەۋەر» دېدى ۋە ترامپنىڭ خېگسېتقا «تولۇق ئىشىنىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

پېنتاگونمۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى، باش باياناتچى شان پارنېل (Sean Parnell) خېگسېتنىڭ «ئوق-دورا ئەھۋالىمىز ھەققىدە ھېچكىمنى ئازدۇرمىغانلىقى» نى تەكىتلەپ، خەۋەرنىڭ «ئويدۇرما» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump tells Iran to reopen Hormuz or be 'hit very hard'
ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ