پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچى: تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچى: تۈرك دۇنياسى» ناملىق ماقالىسى قازاقىستاننىڭ ئەڭ قەدىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى بولغان «كازئىنفورم»دا قازاق، ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدا ئېلان قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچى: تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كازئىنفورم»دا ئېلان قىلىنغان «ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچى: تۈرك دۇنياسى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ۋە كىرىزىسلار بۈگۈن يەرشارىۋى كۆلەمدە ئورتاق بىخەتەرلىكىمىزگە، ئىقتىسادىي پاراۋانلىقىمىزغا ۋە مۇقىملىقىمىزغا قارىتىلغان ئەتراپلىق بىرەر سىناقتۇر. يەرشارىۋى سىستېما، توقۇنۇشچان گېئو-سىياسىي رىقابەت ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئاسىمېترىك خەۋپ-خەتەرلەر، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىدە يۈز بەرگەن ئۈزۈلۈشلەر ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مالىيە تەۋرىنىشلىرى ئالدىدا ئېغىر بېسىم سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈنئىي ئەقىل ئوقۇمىدا يۈز بېرىۋاتقان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. مانا بۇ سىناقلارنىڭ ھەممىسى، بىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، مەۋجۇت خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ ۋە يەرشارىۋى باشقۇرۇش مېخانىزملىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ۋە ئىسلاھاتقا بولغان ئېھتىياجنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا.

2014-يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتۇقۇمدا، خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنىيلىقىنىڭ تالاش-تارتىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيانىڭ مۇمكىنلىكىنى ‹دۇنيا 5 تىن چوڭدۇر› دېگەن ئىبارە بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. خورسىنغان ھالدا شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، شۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە ئەتراپلىق بىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلمىدى. ئەكسىچە، قائىدىلەرگە تايانغان خەلقئارالىق تەرتىپ تېخىمۇ كۆپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق ۋە ئاچچىق مىسالى غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردۇر. ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.

بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەرشارىۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى پەقەت ‹ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان قائىدىلەر› گە تايانغان بىر تەرتىپ بەرپا قىلىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇ دائىرىدە رايونىمىزدا ۋە يەرشارىۋى سەۋىيەدە كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلارنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەم مۇستەقىل ھالدا مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز. تىنچلىق دىپلوماتىيەسى ۋە مۇرەسسە قىلىش تەشەببۇسلىرىمىزدا بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئىشەنچ ئاساسىدا دىيالوگ ئورنىتىپ، مەسىلىلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئۈستىلىدە ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىمىز. يەرشارىۋى تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئۈچۈن يولغا قويغان پىرىنسىپال دىپلوماتىيەمىزنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆز ئورنىنى تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن مەمنۇنمىز.

ئەمما تېخىمۇ ئادىل، ئەتراپلىق ۋە مۇقىم بىر تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپلىمىلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە يەرشارىۋى ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىش كېرەكلىكى ئېنىق. بۇ نۇقتىدا رايون خاراكتېرلىك ئىختىلاپلارنىڭ ئاۋۋال رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورگان تەشەببۇسلىرى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. ‹رايونلۇق ئىگىدارلىق› چۈشەنچىمىزگە ئاساسەن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشچىلىقىدا، ئەزاسى بولغان تەشكىلاتلىرىمىز ۋە قوشنىلىرىمىز بىلەن ئورتاق تەشەببۇسلارغا ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى، رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى توقۇنۇشلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە مەڭگۈلۈك ئىقتىسادىي پاراۋانلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئاساس قىلىپ، ھامان ھەر بىر ھالقىلىق مەسىلىدە دوست ۋە قېرىنداش قازاقىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقىمىز تاشقى سىياسىتىمىز نۇقتىسىدىن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

1991-يىلى تۈركىيە، مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى قازاقىستاننى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچىنى ئورتاق تارىخىمىزدىن، مەدەنىي ۋە مەنىۋى باغلىنىشلىرىمىزدىن ئالىدىغان مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. بىزنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز ۋە مەنىۋى رىشتىلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى شۈبھىسىزكى تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەرگە تايىنىدۇ. 2000-يىللاردىن ئېتىبارەن بولسا، ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇلدى؛ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە قۇرغان ئورگان مېخانىزملىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىكلىرىمىز تېخىمۇ كونكرېت نەتىجىلەرنى بېرىشكە باشلىدى. ئېنېرگىيە، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى باشتا بولۇپ، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىز، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى شېرىكلىكلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ كەڭ ۋە پۇختا بىر زېمىنغا يېيىلماقتا.

2012-يىلى قۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدا مۇقەررەر مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۈگۈن قازاقىستان بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىمىز 10 مىليارد دوللار سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى. تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە قازاقىستانغا قىلغان بىۋاسىتە مەبلەغلىرى 6 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشتى. تۈرك قۇرۇلۇش شىركەتلىرى قازاقىستاندا 30 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان 550 كە يېقىن تۈرنى تاماملىدى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى قېرىندىشىم قاسىم جومارت توقايېۋ بىلەن بېكىتكەن سودا ئومۇمىي سوممىسى نىشانىمىز 15 مىليارد دوللاردۇر. ئاللاھ بۇيرۇسا، ئۆزئارا تىرىشچانلىقلار بىلەن بۇ نىشانغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىپ بارىدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىم كامىل.

خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغان مائارىپ، تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىمۇ مۇكەممەل ھالغا كەلتۈرۈش، مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىمىزدىندۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 2026-يىللىق ساياھەت پايتەختى قىلىپ ئەنقەرە تاللانغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى مول مەدەنىي، تارىخىي ۋە ئىنسانىي مىراسلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق خاتىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پايتەختىمىزگە تەكلىپ قىلماقچىمەن. يىل بويى ئۆتكۈزۈلىدىغان تارىخىي، مەدەنىي ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئارىمىزدا كۆرۈشتىن مەمنۇن بولىمىز.

14-مايدىكى قازاقىستان زىيارىتىمىز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر. ئامېرىكا - ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس، غەززەدىكى ئاجىز ئۇرۇش توختىتىش جەريانى باشتا بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلەش مەسىلىلىرى ئىقتىسادىي ئۆلچەمدە سىنىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى تەرەپلىمىلىك كۆرۈشۈشلىرىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ زىيارەتنىڭ دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەمدە خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمكى دوستلۇققا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنە بۇ زىيارەت دائىرىسىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمىز. بۇ باشلىقلار يىغىنىدا، تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك يوشۇرۇن كۈچلىرىمىزنى مەسلىھەتلىشىمىز، رايون خاراكتېرلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىناقلارنى باھالاش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. تۈرك دۇنياسىغا ۋاكالەتلىك قىلىدىغان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز؛ خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ‹يوقلار تويمىسا، بارلار يىغلىمىسا، دۇنيا تېز ئۆرۈلىدۇ› دېگەن چۈشەنچىسى بىلەن رايونىمىزدا ۋە دۇنيادا تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك مۇھىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشتىن ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى