سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئارمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشنىڭ خەتەرلىك بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس / Reuters

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئارمىيەسى ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە ئايرودۇرۇمىدىكى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ ساندا ئېغىر تىپتىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى جەريانىدا نىشان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە ئايرودۇرۇمىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە «C-17» تىپلىق يۈك توشۇش ئايروپىلانلىرى ۋە «P-8» تىپلىق ئايروپىلانلارغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ھەمدە بىرنەچچىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يەنە مۇۋەققەت سالتى/ئەزراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا كۈچلىرىگە تەۋە 20 ئايروپىلان ئىسكىلاتىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مېھر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ غەربىدىكى كېرمانشاھ ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئىسلامئاباد غەرب ئاسمىنىدا بىر دانە «MQ-9» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

مېھر ئاگېنتلىقى، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە ئىراننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا مۇداپىئە تورىغا ئۇلانغان زامانىۋى بىر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن نىشان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ماي توشۇش پاراخوتلىرىنىڭ پارتلىشى

تەسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى تۈنۈگۈن كېچە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدا ئىككى نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ پارتلىغانلىقىنى، پاراخوتلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدىن ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ «ئامېرىكا بېسىمى» نىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

 «بۇ يول خىمىيەۋى ئوغۇت ياكى بىر تامچە نېفىت ۋە گاز توشۇش ئۈچۈنمۇ بىخەتەر ئەمەس. ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقان تەقدىردە بۇ كارىدور ھەرگىزمۇ بىخەتەر بولالمايدۇ.»

بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى بىر ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىدە «قەدەم تاشلاشقا» چاقىردى.

رۇبىيو ئامېرىكانىڭ ئىراندا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىگەىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»