جەنۇبىي كورېيە خىتاي بىلەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى سودا گۇرۇھىغا قوشۇلغان جەنۇبىي كورېيە، خىتاي بىلەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

By
جەنۇبىي كورېيە ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئۈچۈن ھالقىلىق ماتېرىيال تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ دىپلوماتىك ئۇسۇل قوللانغان. / Reuters

جەنۇبىي كورېيە مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ماتېرىياللاردا خىتايغا بولغان بېقىندىچىلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم مىنېرال ماددىلار گۇرۇھىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغاندىن كېيىنمۇ، خىتاي بىلەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە يۇقىرى تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

بۇ ھەقتىكى بايانات، جەنۇبىي كوېيەنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىللە، ئامېرىكا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ماتېرىياللاردا خىتايغا بولغان بېقىندىچىلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم مىنېرال ماددىلار گۇرۇھىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيە سودا مىنىستىرلىقى شىركەتلەرنىڭ خىتاي سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىنى تېخىمۇ تېز ۋە بىخەتەر ئىمپورت قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقە لىنيەسى ۋە ئورتاق كومىتېت قۇرۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆزەك، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە نېفىت-خىمىيە شىركەتلىرى بار جەنۇبىي كورېيەنىڭ، سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىدا تولۇق بىخەتەر تەمىنلەش زەنجىرىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا،  دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 17 مۇھىم سىيرەك توپا ئېلېمېنتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىندى ۋە بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەمىنلەش تىرىشچانلىقلىرىنى كۆزىتىشنى ۋە ئانالىز  قىلىشنى كۆپەيتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىنى كونترول قىلىش

مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېئۇل تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا، ۋىيېتنام ۋە لائوس قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىدىكەن. ھۆكۈمەت چەت ئەلدىكى كانلارنى ئاچىدىغان يەرلىك شىركەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن 250 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 172.35 مىليون دوللار) دۆلەت مەبلىغى ئاجرىتىشنى پىلانلىغان.

ئۆكتەبىر ئېيى (2025) دا، بېيجىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ ئۆزەك (يېرىم ئۆتكۈزگۈچ) ئىشلەتكۈچىلەرنى قوشۇمچە تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەينى ۋاقىتتا، جەنۇبىي كورېيە سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىدىكى مونوپوللۇقىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنى (4-فېۋرال)، جەنۇبىي كورېيە «بايلىق جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى»  (FORGE)  دەپ ئاتالغان مۇھىم مىنېرال ماددىلار سودا گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ گۇرۇھ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.

بېيجىڭ ئۆتكەن يىلى (2025) ئېكسپورتنى چەكلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇھىم مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. جەنۇبىي كورېيە بولسا، ئۆزىنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ تەمىنلىنىش مۇقىملىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ يېقىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىنى تۇتتى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا، ئىيۇن ئېيى (2026) غىچە مەزكۇر گۇرۇھقا رەئىسلىك قىلىدىغان سېئۇلنىڭ شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.