سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەردى
/ Others

ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى گانگانى ئارىشاڭلىرى رايونىدا  تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 6 يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۆلەتلىك «‹Doordarshan News› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىنىڭ ئۇتتاركاشى رايونىغا جايلاشقان گانگانى ئارىشاڭلىرى رايونى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، ھادىسىدە بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە: «تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا مەسئۇللار ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرماقتا» دېيىلدى.

ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى پۇشكار سىڭخ دخامى يارىدارلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ يازدى:

«بۇ مەسىلىدە دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن.»

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى