تۈركىيە يەرلىك تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانى «HÜRJET» نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلانماقتا
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئىسپانىيە بىلەن ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.
تۈركىيە يەرلىك تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانى «HÜRJET» نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلانماقتا
تۈركىيە يەرلىك تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانى «HÜRJET» نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلانماقتا / AA

يەرلىك «HÜRJET» ئايروپىلانىنىڭ ئىككى پىروتوتىپى (دەسلەپكى مودېلى) جەمئىي 600 سائەتكە يېقىن (340 ۋە 260 سائەت) ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىلغار رېئاكتىپ تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانىنى سىناش، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە چەت ئەلگە سېتىش قەدەملىرىنى تېزلەتكەن.

تۈرك ھاۋا ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى (TUSAŞ) تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان، 2017-يىلى ئاۋغۇستتا قۇرۇلۇشى باشلانغان  «HÜRJET»نىڭ موتورى 2023-يىلى 30-يانۋاردا تۇنجى قېتىم قوزغىتىلغان بولسا، شۇ يىلى 25-ئاپرېلدا تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغان. نۆۋەتتە يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئايروپىلانلارنىڭ قۇراشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە يېڭى سىناق ئۇچۇشى پىلانلانماقتا. 2026-يىلىغا بارغاندا مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ تۈرك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «تۈرك يۇلتۇزلىرى» نومۇر كۆرسىتىش ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

بىر موتورلۇق، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان بۇ ئايروپىلان زامانىۋى جەڭ ئايروپىلانى تەلىم-تەربىيەسى، قوراللىق-قورالسىز ھاۋا چارلاش ۋە نومۇر كۆرسىتىش ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ئۇزۇنلۇقى 13.6 مېتىر، قانات كەڭلىكى 9.5 مېتىر كېلىدىغان  «HÜRJET»، 1.4 ماخ (Mach) سۈرئەتكە يېتەلەيدۇ ۋە 45 مىڭ فۇت ئېگىزلىكتە ئۇچالايدۇ. ئۇ يەنە يەتتە دانە ئاسما نۇقتىسى ئارقىلىق جەمئىي ئۈچ توننا يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. TUSAŞ  نۆۋەتتە ئايدا ئىككى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرالايدىغان لىنىيە قۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۈرك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە 16 دانە سېتىۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

TUSAŞ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مەھمەت دەمىرئوغلۇنىڭ ئىسپانىيە تاراتقۇسى «El Español»غا بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، ئىسپانىيە بىلەن ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالاش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن. مەزكۇر كېلىشىم ئىسپانىيە ئارمىيەسىدىكى كونىراپ كەتكەن F-5 ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن  3.12 مىليارد ياۋرو (3.6 مىليارد دوللار) بولغان 45 دانە «HÜRJET» سېتىۋېلىشنى مەزمۇن قىلىدىكەن. دەمىرئوغلۇ ئايروپىلاننىڭ ئاساسەن تالىم-تەربىيە ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى، ئەمما ئېھتىياجغا قاراپ باشقا ۋەزىپىلەرگە تېز ماسلىشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسپانىيەگە ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش پىلان بويىچە 2028-يىلى باشلىنىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى