سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئالتىنچى قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئاخىرلاشتى
ھاماس ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە ئالتىنچى قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئاخىرلاشتى.
00:00
ئالتىنچى  قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئاخىرلاشتى
پەلەستىنلىك مەھبۇسلار راماللاھقا يېتىپ كەلدى / AA Archive

ھاماس باياناتچىسى ھازەم قاسسەم ئامېرىكا ئەگەر مەھبۇسلارنىڭ ھاياتىغا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىنلىك چەڭچىلەر غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىگە قارىماستىن، ئاخىرقى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تاماملىدى. ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن يۈزلىگەن پەلەستىنلىك مەھبۇس بەدىلىگە، ھاماس ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بەردى.

ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا پۇقراسى ساگۇى دېكەل-چېن، ئىسرائىلىيە-رۇسىيە پۇقراسى ساشا ترۇپانوۋ بىلەن ئىسرائىلىيە-ئارگېنتىنا پۇقراسى يائىر ھورن مۇنبەردە باياناتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە  تاپشۇرۇلدى ۋە ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى. بۇ كىشىلەر 16 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئەسىر تۇتۇلماقتا ئىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوفەر تۈرمىسىدىن ئايرىلدى. ئاپتوبۇس ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ راماللاھ شەھىرىدە خەلق تەرىپىدىن ھاياجان بىلەن قارشى ئېلىندى.

باشقا ئاپتوبۇسلار بولسا، نېگېۋ چۆلىدىكى بىر ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن غەززە رايونىغا مەھبۇسلارنى توشۇدى.

بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش، 19-يانۋاردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئالتىنچى ئالماشتۇرۇش بولدى. ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ گۇمان قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنى توختىتىش توغرىسىدا، ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى