ناۋايخانىغا بارغان بالا ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلدى

توققۇز ياشلىق زەينا ئەلغول غەززەدىكى ئەششاتى لاگېرىدىكى ناۋايخانىغا نان ئېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇرۇش ۋە يوقسۇللۇق غەززەدە ھاياتتا قېلىشنى كۈنسېرى قىيىنلاشتۇرماقتا.

"اسرائیل جي آرتور غزہ پٹی تے حملے جاری آھن" / AA

غەززەدە بالىلىق ناھايىتى قىسقا ۋە ئېچىنىشلىق چۈش

توققۇز ياشلىق زەينا ئەلغول ئەششاتى مۇساپىرلار لاگېرىغا نان سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىلگەن بالىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ نان سېتىۋېلىپلا قايتىپ كەتمەكچى ئىدى. ئەمما 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ دادىسى بىلەن ب د ت باشقۇرىدىغان مەكتەپتە ئۆچرەت ساقلاۋاتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بەردى. زەينا ئەلغول نەق مەيداندا جېنىدىن ئايرىلدى.

دادىسى ھايات قالدى، ئەمما ئەھۋالى ئېغىر. بۇ قېتىمقى بومباردىماندا، سەككىز نەپەر پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئۈچى مۇخبىر.

زەينانىڭ نەۋرە ئاكىسى ۋە پەلەستىنلىك شائىر يۇسرى ئەلغول مۇنداق دەيدۇ:

«كەيپىياتىم تولىمۇ ناچار، بالىلار كۆز ئالدىمدا ئىسرائىلىيە راكېتاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.»

ئۇ زەينا توغرىسىدا گويا ئۇنىڭ سۆزلىرى بۇ توختاۋسىز بۇزغۇنچىلىقنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى نەرسىدەك، ھەم قايغۇ ھەم قورقۇنچ ئىچىدە سۆزلىدى.

زەينا باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش، بومبا بىلەن قورشالغان بۇ شەھەردە پاناھلىنىشنى ئۈمىد قىلىپ ئۇ مەكتەپتە پاناھلانغان ئىدى. بىر چاغلاردا ئائىلىلەر بىلەن تولغان كوچىلار، ھازىر توختاپ قالغان ھاياتلىقنىڭ ئەرۋاھ شاھىتلىرى.

تۆت قېتىم ئۆيىدىن مەجبۇرىي قوغلانغان سارا ت ر ت ۋورلد (TRT World) قا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن، مۇنداق دەيدۇ:

«غەززەدىكى بىر بالا ئەمدى بالا ئەمەس.»

ئۇ ئاخىرقى قېتىم غەززەنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا قېچىپ كەلگەن. بۇ يەردە يېمەكلىك، سۇ ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش چەكلىك.

ئۇ بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ: «ناھايىتى ئاز يېمەكلىك تارقىتىلدى. سىز بىر تەخسە ئۇزاتقىنىڭىزدا، سىزگە پەقەت يەتكىچىلىكلا بېرىلىدۇ، ئائىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىنى ئېلىشى كېرەك. ئائىلىلەر ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن بۇ كەسكىن كۈرەشكە ماسلىشىپ  كەتتى، ئۇلار بالىلىرىنى ياردەم ئىسكىلاتلىرىدىن يېمەكلىك ۋە سۇ ئەكىلىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ يەردە بالىلىق- ئۇرۇش رېئاللىقى سەۋەبىدىن غايىب بولغان، يوقىتىلغان ئۇقۇم.  «مائارىپ يوق، دورا يوق، سەھىيە خىزمەتلىرى يوق، كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش يوق. ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككى بالىنىڭ بىرى، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ» دەيدۇ.

ئۇ يەنە، مىنگەن ئات ۋە ئېشەكلەرنى كونترول قىلىشتا قىينىلىدىغان ئوغۇللارنىڭ، كىچىككىنە قوللىرى ئۈچۈن بەك ئېغىر كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

يۇسرى مۇنداق دەيدۇ:

«خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر: سىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىڭىز جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر.»

ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەم چاقىرىق، ھەم ئەيىبلەش مەنىسىگە ئىگە.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە توختاۋسىز ھۇجۇم قىلماقتا. مۇساپىرلار پاناھلىنىدىغان مەكتەپلەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىچىدىكى كىشىلەر قوغلانماقتا.

يۇسرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئەششاتىدىن شىمالغا قوغلاندىم ۋە جىبالىيەگە ئورۇنلاشتىم. بىراق، ئىسرائىلىيە ئائىلەم تۇرغان ئەششاتىنى قورشاۋغا ئېلىشقا باشلىدى. مەن باشقىلارنى كۆچمەسلىككە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم، ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانى مەغلۇب بولىدۇ، بىز ئەركىنلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. ھازىرچە غەززەنىڭ بالىلىرى يېتەرسىز تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە بالىلىق ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىندى، غەززەدە ياشاش ئىنتايىن مۈشكۈل.»

غەززەنىڭ شىمالىغا ياردەم كېرەك

غەززەنىڭ شىمالىدىكى شارائىتلار تولۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، بالايىئاپەت ھېسابلىنىدۇ. ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى، قامال قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنىڭ تاقىلىشى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ھاياتتا قېلىش پۇرسىتى ئاز قالدى. ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھېچقانداق يېمەك-ئىچمەك كەلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 26-ئۆكتەبىر كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، بىمارلار ۋە تېببىي خادىملارنى يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇدىن مەھرۇم قىلدى.

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جويس مسۇيا (Joyce Msuya) ئىشغال قىلىنغان غەززەنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ: «دوختۇرخانىلار بومباردىمان قىلىندى، سەھىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى» دەيدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئادەم كۆپ بولغان دوختۇرخانىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى سەۋەبىدىن «بالايىئاپەت خاراكتېرلىك» كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئاساسىي لازىمەتلىكلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈملەر كۆپىيىۋاتىدۇ، سەھىيە شارائىتلىرى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

قامال سەۋەبىدىن بالىلار كېسەللىكلىرى ۋاكسىناسىنى ئەملەش خىزمىتى قاتارلىق ھالقىلىق ئاممىۋى ساغلاملىق پائالىيەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتىدۇ.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ساغلاملىق ئەسلىھەلىرى ۋە پۇقرالارنى نىشان قىلغان «ۋەيران قىلغۇچ ئۆلۈم ۋە بۇزغۇنچىلىق» تىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاش ھەرىكىتى

يۇسرىنىڭ قارىشىچە، غەززەنىڭ شىمالىدىكى زوراۋانلىقلار، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قەستەن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق گېنېرالى گىئورا ئەيلاند 9-ئايدا غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن «ئاچلىق» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

گەرچە غەيرىي رەسمىي بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. ئىسرائىلىيە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ، بىخەتەر رايونلارغا كىرىشىنى توسىدۇ. قېچىشقا ئۇرۇنغانلارمۇ يولدا ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.

نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن قېچىش ياخشى تاللاش يولى ئەمەس. ئۇلار كەتسە، قايتىپ كېلەلمەسلىكىدىن قورقىدۇ. يۇسرى ۋە باشقىلار شارائىتلار كۈنسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ كۆچمەي، مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىشقا قارشى تۇرۇشقا بەل باغلىدى.

غەززە خەلقى قورشاۋدا قالدى، ئۇ يەردىكى ھايات پەقەت توختاۋسىز ھۇجۇملار ئىچىدە ھايات قېلىشقا مەركەزلەشتى. يۇسرى دۇنيانى ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىپ: «ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان، ياردەم قىلىدىغان، قاتىللىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان پەيت كەلدى» دەيدۇ.