ھاماس بىر ئەسىرنىڭ جەسىتىنى غەززەدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رامكىسىدا، يەنە بىر ئەسىرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىر جەسەتنىڭ غەززەدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھاماس بىر ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ جەسىتىنى غەززەدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. سۈرەت: ئا پ . / AP
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جۈمە (17-ئۆكتەبىر) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بەرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بىر نەپەر ئەسىرنىڭ جەسىتى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، خادىملار غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيە قىسىملىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققان. ھاماس كېلىشىمنى ئىجرا قىلىپ، بارلىق ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر.»
ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئارقىلىق ئىسىرائىلىيەلىك بىر ئەسىرنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇۋالدى» دېدى.
باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ جەسەت ئىسرائىلىيەدىكى تىببىي ئانالىز مەركىزىگە ئاپىرىلىپ كىملىكى بېكىتىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى جەسەتنى تاپشۇرۇپ بېرىش بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئومۇمىي جەسەت سانى 11 گە يەتتى.
ھاماس قالغان جەسەتلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى
ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قامال ئاستىدىكى غەززەدە ھۇجۇملارنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىدى.
ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى غازى ھەمەد جۈمە كۈنى بۇ تەھدىتلەرنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بېسىم تاكتىكلىرى» دەپ ئاتىدى.
ھەمەد باياناتىدا: «جەسەتلەر مەسىلىسى مۇرەككەپ جەريان، بولۇپمۇ ئىشغال غەززەنىڭ چېھرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن. جەسەتلەرنى قايتۇرىمىز، ۋەدە بەرگىنىمىزدەك كېلىشىمگە ئەمەل قىلىمىز» دېدى.