سۈنئىي ئەقىل خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا «ئالگورىتمىلىق ئايرىمىچىلىق» قىلدۇ
مۇتەخەسسىسلەر سۇنئىي ئەقىلنى ئۆگەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بەلگىلىك گۇرۇپپىلارغا قارشى بىر تەرەپلىمىلىك پەيدا قىلىشى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئايرىمىچىلىققا سەۋەو بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سۈنئىي ئەقىل خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا «ئالگورىتمىلىق ئايرىمىچىلىق» قىلدۇ
"人工智能推动的移动应用减少了压力,在TechAnkara获得了第一名"
2024-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى

بۈگۈنكى دۇنيادا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى سۈنئىي ئەقىل (AI) قوللايدىغان سۈزگۈچ سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىرقى ، جىنسى ، تىلى ۋە دىنىنى ئاساس قىلىپ «ئالگورىتمىلىق ئايرىمىچىلىق» قىلىدۇ.

ئىستانبۇل ئىبنى خالدۇن ئۇنۋېرسىتىتى قانۇن فاكۇلتېتى خۇسۇسىي قانۇن پىروفېسسورى يېلىز بوزكۇرت گۈمرۈكچۈئوغلۇ  ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «گوگۇل ۋە ئامازونغا ئوخشاش تېخنىكا ماگناتلىرى بۇنداق ئاپتوماتىك سۈزگۈچلەردىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى تېجەيدۇ. سۇنئىي ئەقىلگە ئۆگىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بەلگىلىك گۇرۇپپىلارغا قارشى بىر تەرەپلىمە بولۇشى سەۋەبىدىن، بۇ گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن سەلبىي قارار بېرىلىدۇ ۋە ئالگورىتمىلىق ئايرىمىچىلىق قىلىنىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

گۈمرۈكچۈئوغلۇ بۇ قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتىكى ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە ناھايىتى ئاز ساندا رەڭلىك ئىرقتىكى ئاياللار ۋە كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل سۈزگۈچىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە، بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن دۆلەتلەردە نۇرغۇن دەۋا-دەستۇرلارنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامازونغا مۇناسىۋەتلىك بىر دەۋادا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇ ئامازون دەۋاسىنى چۈشەندۈرۈپ: «ئامازون ئۆتكەن ئون يىلدا خىزمەتكە قوبۇل قىلغان كاندىداتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر ئىدى. سۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ سۈزگۈچ ئايال كاندىداتلارنى بىۋاسىتە شاللىۋەتتى. ئوخشاشلا فەيسبۇك ئۆزىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ 2018-يىلى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن بىر دەۋادا ئاشكارىلاندى. دانىيە ھۆكۈمىتى ئوخشاش سەۋەب بىلەن فەيسبۇكقا مەمۇرىي جەرىمانە قويغان ئىدى » دەيدۇ.

مۇزىكا ۋە چاچ شەكىللىرى

«ئالگورىتمىلىق ئايرىمىچىلىق» بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. گۈمرۈكچۈئوغلۇ بەزى كاندىداتلارنىڭ چاچ قويۇش شەكلىنىڭ ئافرىقادىكى ئەنئەنىۋى چاچ پاسونىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆچمەنلەر جىق دېيىلگەن رايونلاردا ياشايدىغانلىقى، ھەتتا بەزى سەنئەتچى ۋە مۇزىكىلارنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھېسابلاش ئۇسۇلىدا شاللىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سۈزۈش قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغان پىروگراممېرلار ۋە شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مەنىۋى قىممەت قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىشى، مەسئۇل ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەخلاققا يات قىلمىشلارغا، ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەيدۇ:

«مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ساھەدە سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىشنىڭ خەۋىپىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمەنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىشتا ئايرىمىچىلىقنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنياۋى بەلگىلىمە بولۇشى لازىم. بۇنىڭغا ئېھتىياجلىقمىز. ئەگەر سانلىق مەلۇماتلىرىمىز مۇۋاپىق قوغدالمىسا، بىزنىڭ رەقەملىك ئىزىمىز شىركەتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز پەقەت قىسقىچە تارىخىمىز-س ۋ ( CV) غا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنمايمىز. ئۇ چاغدا بىزنى باھالايدىغانلار بۇ ئۇچۇرلارنى بىزگە باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە پايدىلىنىشى مۇمكىن. تۈركىيەدىكى بۇ ئەھۋال بار. سۈزگۈچ ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە چىقىرىلغان قارارغا قانۇنىي مەسئۇلىيەت كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا بىزنىڭ ئىككى خىل تاللىشىمىز بار: سۈنئىي ئەقىلنىڭ بۈگۈنكىدەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا يول قويامدۇق ياكى بىر ئاز تورمۇزلاپ، مۇئەييەن ئەخلاقىي رامكا ئىچىدە ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەمدۇق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى مەزگىلدە جاۋابنى كۆرىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خادىملىرىنىڭ ۋاتسئەپ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت، خىتايدا نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى؛ خىتاينىڭ ترامپقا قارشى كوزىرى بولالامدۇ؟
خىتايدىكى ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار زاپاس ئاپتوموبىللار سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
مۇتەخەسسىسلەر ترامپنىڭ «ئايفون»نىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا قارشى سۆزلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى
ب د ت: سۈنئىي ئەقىل ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىگە بەكرەك خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ
مىكروسوفت 22 يىللىق مۇلازىمەت تارىخىغا ئىگە Skype نى تاقاشنى قارار قىلدى
تەيۋەن ئۆزەكلىرى خۇاۋېينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا قانداق ئورۇن ئالدى؟
ۋىدېئو ئويۇن لايىھەلىگۇچىلەر ئىقلىم تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا
ھېسسىيات تىللارغا قارىتا ئۆزگىرەمدۇ؟
ئىنسان قاچان قېرىيدۇ؟
ھېس – تۇيغۇلار تىللارغا قاراپ ئۆزگىرەمدۇ؟
ھاراق ئىچىش چاچ چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئادەم قاچان قېرىيدۇ؟
جىنايەت ۋە جازا: سۈنئىي ئەقىلدىكى قانۇنىي قىيىنچىلىق