فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا 350 تىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان پاراخوت چۆكۈپ كەتتى
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا 350 تىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 316 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا 350 تىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 316 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان باسىلان ئىشتاتى دېڭىز تەۋەلىكىدە، 350 تىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«GMA News Online» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 43 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.
«M/V Trisha Kerstin 3» ناملىق پاراخوت سۇلۇ ئىشتاتىدىكى جولو ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى.
دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە دائىرىلىرى يەرلىك تاراتقۇلارغا 316 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باسىلان ئارىلىنىڭ ۋالىيسى مۇجىۋ خاتامان فېيسبۇكتا مىنداناۋنىڭ ئىسابېلا پورتىدىن تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋىدېيولارنى ھەمبەھىرلىدى. مەزكۇر ۋىدېيولاردا پاجىئەدىن ئامان قالغانلارنىڭ كېمىلەردىن چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئەدىياللىرىغا ئورىلىۋاتقانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ زەمبىللەردە توشۇلۇۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.
خاتامان «DZBB» رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، نۇرغۇنلىغان ئامان قالغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بەزى ياشانغان يولۇچىلارنىڭ جىددىي تېببىي داۋالاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، دائىرىلەرنىڭ يولۇچىلار تىزىملىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 7000 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەشكىل تاپقان فىلىپپىننىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىگە ئائىت خاتىرىسى تۇراقسىز بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى پاراخوت قازالىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.