تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە يەمەن رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ مۇقىملىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قارشى ئالدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تەرەققىياتلارنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەنسىرەش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە يەمەن رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ مۇقىملىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قارشى ئالدى
تۈركىيە يەمەن رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ مۇقىملىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قارشى ئالدى / AA
 

يەمەندە يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە دۆلەتتىكى جىددىي ۋەزىيەت تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلاردىن ئارقىمۇئارقا باياناتلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن سىرت، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەنسىرەش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەمەن رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ دۆلەتتە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رىيادتا كەڭ دائىرىلىك بىر يىغىن ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى قوللىشى قارشى ئېلىندى. ئەنقەرە ئاساسىي قانۇنلۇق قائىدىلەر ئاساسىدا، مەڭگۈلۈك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى سۆھبەت ۋە ئومۇميۈزلۈك سىياسىي مۇساپىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكرارلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Yemen calls for 'genuine' UAE withdrawal amid ongoing tensions in south

مىسىرمۇ يەمەندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاھىرە ھۆكۈمىتى بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ئارقىلىق كرىزىسنى ئومۇميۈزلۈك ۋە سىجىل سىياسىي يوسۇندا ھەل قىلىش ئۈچۈن تەشەببۇسلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يەمەن جەمئىيىتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي سۆھبەت، كېلىشىم، مىللىي پىرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئاساسىدا شەكىللىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Saudi Arabia invites Yemen factions for 'dialogue' as UAE-backed group calls for independence vote

يەنە بىر تەرەپتىن يەمەن، جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى (STC) قوراللىق كۈچلىرىنىڭ دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ھەدرەمەۋت ۋە ئەل-مەھرە ۋىلايەتلىرىدە كونتروللۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە شاھىت بولماقتا. يەمەن زېمىنىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن چېگراداش بولغان بۇ ئىككى ۋىلايەتتىكى ئۆزگىرىشلەر رايون خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلۇقلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

جۈمە كۈنى جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەيدەرۇس ئەل-زۇبەيدى، يەمەننىڭ شىمالىدىكى تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە جەنۇبنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت «ئومۇمىي خەلق ئارزۇسىنى سىناش» (رېفېراندۇم) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى يىللىق «ئۆتكۈنچى مۇساپە» ئېلان قىلدى.

مەزكۇر قەدەم سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىيچىلىك پەيتىدە تاشلاندى. رىياد ھۆكۈمىتى ئەبۇزەبىنى ھەدرەمەۋت ۋە ئەل-مەھرەدە، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي چېگراسى بويىدا جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى قوراللىق كۈچلىرىنى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە يېتەكلەش بىلەن ئەيىبلىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى