سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىك شارائىتىدا، ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە ۋەدە بەردى.

فون دېر لېيېن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا  مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت ۋە ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىراننىڭ قىلمىشلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتەرمەكتە. قاتناش ئەركىنلىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

بۇ باياناتلار فون دېر لېيېننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئىككى رەھبەر يەنە يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئەنگلىيە باشلىقلار يىغىنىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. فون دېر لېيېن بۇ باشلىقلار يىغىنىنى «ئالدىنقى يىلقى ۋەدىلەرنى ئورۇنداش ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر پەيت» دەپ تەسۋىرلىدى.

كىرىزىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى:

ھورمۇز بوغۇزى قاتنىشى 28-فېۋرالدا باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش مەقسىتىدە، ئىراننىڭ سۇ يولىنى تارايتىش ھەرىكىتى بىلەن مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئاقساپ قالماقتا.

ئادەتتە، كۈنىگە 20 مىليون ۋارىل نېفىت، يەنى دۇنيا نېفىت تەمىناتىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ. بوغۇزنىڭ تاقىلىشى دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە، پاراخوت يوللىرىنىڭ مۇقىمسىزلىنىشىغا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي زىياندىن ئەندىشە قىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى