ئاكسىيوسنىڭ شىركەتلەر ئىچىدىكى مۇھاكىمىلەردىن خەۋەردار مەنبەلەرگە ئاساسلانغان خەۋىرىدە، ھەر ئىككى شىركەتنىڭ جامائەتچىلىككە سۇنغان مودېللىرىدىن كۆپ ئىلغار سىستېمىلىرى بارلىقى، بىراق بۇ مودېللارنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشى ۋە كونترول ئاستىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا قىينىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەنبەلەر ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن، تور بىخەتەرلىكى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە تەپەككۇر ئىقتىدارى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ مودېللارنى، ھەتتا شىركەتلەرنىڭ ئىچكى سىناقلىرىدىمۇ كونترول قىلىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
شىركەتلەر ئىچىدە ۋە سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا، كەلگۈسىدە ياسىلىدىغان ئەڭ ئىلغار مودېللارنى جامائەتچىلىككە سۇنۇشنىڭ ئورنىغا پەقەت شىركەت ئىچىدىلا ئىشلىتىش، ھەتتا يېڭى مودېللارنى مەشىقلەندۈرۈشنى توختىتىش تاللاشلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئاكسىيوسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر تەتقىقاتچى مودېللارنى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىللىق بولىدىغان سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋاملاشسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىيالايدىغان ھالەتكە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ بۇ باسقۇچقا كەلگەندە ھازىرقى بىخەتەرلىك ئۇسۇللىرىنىڭ كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنىمۇ قەيت قىلدى.
ئىلغار مودېللارنىڭ ئۆز تەپەككۇر جەريانىنى كۆزىتىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بەزى ئەھۋاللاردا بولسا، ئىنسان نازارەتچىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.










