ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەسئۇد پەزەشكىيان ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان بىلەن پايتەخت تېھراندا كۆرۈشكەن.
پەزەشكىيان كۆرۈشۈشتە بەرگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا بىلەن بولغان مەسىلىمىز، ھەر قېتىم سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغىنىمىزدا بىزگە ئۇرۇشنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىشىدۇر» دېدى ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ قېتىم سۆھبەت جەريانىدا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا «ئامېرىكانىڭ دىيالوگ يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىراننى ۋەيران قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتتى.
دۆلىتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پەزەشكىيان، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈلگەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكانىڭ «ئاساسسىز دەۋالار» بىلەن ئىرانغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پەزەشكىيان يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرىدىن يادرو پائالىيەتلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە دىيالوگقا ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىراننىڭ يادرو مەركەزلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ ئېنىقلىنىپ چىقىلىپ، سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكانىڭ مىنابتىكى مەكتەپ ھۇجۇمى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 168 بالا ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پەزەشكىيان: «ھەر ۋاقىت سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىدىغان، ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغان، بېسىم قىلىدىغان ۋە كېلىشىملەرنى بۇزىدىغان دۈشمەن (ئامېرىكا) بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەھمىيەتسىز، خەلقىمىزمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.























