سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا ئەلى خامەنېينىڭ دەپنە مۇراسىمى باشلاندى، تۈمەنلىگەن خەلق ئۆچ ئېلىش شوئارى توۋلىدى
ئىران دائىرىلىرى دۆلەتنى 35 يىل ئىدارە قىلغان ئالىي رەھبەر بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە تېھراننىڭ ئۆزىدىلا 15 مىليوندىن 20 مىليونغىچە كىشىنىڭ ماتەم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراندا ئەلى خامەنېينىڭ دەپنە مۇراسىمى باشلاندى، تۈمەنلىگەن خەلق ئۆچ ئېلىش شوئارى توۋلىدى
ئىنتىقام ئېلىش چاقىرىقىنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرگەن مىڭلىغان ماتەم تۇتقۇچىلار، تېھران بۈيۈك مەيدانىغا يىغىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىڭ دەپنە مۇراسىمى رەسمىي باشلانغان. مىڭلىغان كىشى جەم بولغان بۇ پائالىيەت، تېھراننىڭ دۈشمەنلىرىگە، بولۇپمۇ فېۋرال ئېيى (2026) دىكى بىرلەشمە ھۇجۇمدا خامەنېي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر قانچە كىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە كۈچ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئالتە كۈنلۈك دەپنە مۇراسىمى 1989-يىلىدىن باشلاپ تېھرانغا رەھبەرلىك قىلغان، 28-فېۋرال ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە 86 يېشىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن خامەنېينى خاتىرىلەش ئۈچۈن باشلاندى.

بۇ پائالىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتى، بولۇپمۇ خامەنېينىڭ ئوغلى ۋە ۋارىسى مۇجتەبا خامەنېيگە مەركەزلەشتى. ئۇ دادىسى ئۆلتۈرۈلۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالىي رەھبەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئاممىغا ئاشكارا كۆرۈنمىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى-ئا ف پ (AFP) مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنتىقامنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان مىڭلىغان ماتەم تۇتقۇچىلار، تېھراندىكى «موساللا» (Grand Mosalla) مەيدانىغا جەم بولۇپ، خامەنېينىڭ جىنازىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلىغان. مەيداندا «ئىنتىقام، ئىنتىقام!» دېگەن سادالار ياڭرىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر مۇخبىرى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ مەيدانغا يېتىپ كېلىش ئۈچۈن بىر قانچە كىلومېتىر پىيادە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. يۈزلىگەن قوللىغۇچىلار جۈمە كۈنى كەچتىلا «موساللا» سىرتىدا ساقلاشقا باشلىغان. سۇمەييە ھامىدى ئىسىملىك بىر ئايال مۇخبىرغا: «بىز رەھبىرىمىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشماقچى، شۇڭا بۇنداق ساقلاش بىز ئۈچۈن ئازابلىق ياكى تەس ئەمەس» دېگەن.

بۇ پائالىيەت، 1989-يىلى خامەنېيدىن بۇرۇنقى رەھبەر ھۇمەينى دەپنە قىلىنغاندىن بۇيان ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى پائالىيەت بولۇپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان، يوللار توسۇلغان ۋە ھاۋا تەۋەلىكى تاقالغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran tightens security for night vigil ahead of funeral for assassinated leader Ali Khamenei

ئاخىرقى خوشلىشىش

خامەنېينىڭ جىنازىسى دۈشەنبە (2026-يىلى 6-ئىيۇل) كۈنىگىچە تېھراندا ساقلىنىدۇ، شۇ كۈنى تېھران كوچىلىرىدا جىنازا ئۇزىتىش يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سەيشەنبە (7-ئىيۇل) كۈنى جىنازا دىنىي مەركەز قۇم شەھىرىگە، چارشەنبە (8-ئىيۇل) كۈنى قوشنا دۆلەت ئىراقتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. پەيشەنبە (9-ئىيۇل) كۈنى بولسا خامەنېينىڭ يۇرتى، ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەشھەد شەھىرىدە دەپنە قىلىنىدۇ.

مۇراسىمغا قاتناشقان ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئەھمەد ۋەھىدىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى رەھبەر خامەنېي ئۆلتۈرۈلگەن شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قوماندانىنىڭ ئورنىغا قوماندانلىققا تەيىنلەنگەن، ئەمما شۇندىن بېرى ئاشكارا كۆرۈنمىگەن ئىدى.

كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە كىشىلەر مۇجتەبا خامەنېينىڭ كۆرۈنۈشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە پەقەت يازما باياناتلار بىلەنلا ئالاقە قىلغان بولۇپ، شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان، ئەمما يارىلىنىش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس. ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان باشقا تۇغقانلىرى، جۈملىدىن ئەلى خامەنېينىڭ بىر ياشلىق نەۋرىسىمۇ دەپنە قىلىنىدۇ.

جۈمە (2026-يىلى 3-ئىيۇل) كۈنى ماتەم مۇراسىمىغا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار ئارىسىدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ۋاكالىتەن كەلگەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دمىترى مېدۋېدېۋ بار. شۇنداقلا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس، لىۋان ھىزبۇللاھى ۋە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ahmad Vahidi, IRGC head, breaks cover ahead of Ali Khamenei's funeral

ئۆچ ئېلىش چاقىرقى

بەش ھەپتىلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، يېقىن شەرق توقۇنۇشى پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان دەسلەپكى كېلىشىم بىلەن ۋاقىتلىق توختىدى. ئەمما، ئىران ئەمەلدارلىرى تېھراننىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇرۇشنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى قالىباف: «خەلقنىڭ ئىنتىقام ساداسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ۋە ئىرانلىقلارنى مۇراسىمغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ قاتنىشىشقا چاقىردى. ئارمىيە باش قوماندانى ئەمىر ھاتامى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ «شېھىت رەھبەر ۋە بارلىق مىللەت شېھىتلىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

 ئىران دائىرىلىرى پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇلار ئىلگىرىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەردە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا بىر-بىرىنى دەسسەش خەۋپىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە؛ تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىخەتەرلىك يۆنىلىشلىرىنى توختىماي تارقاتماقتا.

تېھراندا كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 35 گرادۇستىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنگەچكە، كىشىلەرنى سالقىندىتىش مەقسىتىدە كوچىلارغا سۇ پۈركۈش ماشىنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن، تېھراننىڭ ئادەتتە ناھايىتى قىستاڭ كوچىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن جىمجىت ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز