سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كانادا بىلەن خىتاي ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىگە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
كانادا باش مىنىستىرى ترودو ئەگەر ۋاشىنگتون كانادا تاۋارلىرىغا قويۇلۇشى تەكلىپ قىلىنغان تاموژنا بېجى قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، كانادانىڭمۇ 107 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا تاۋارلىرىغا %25 تاموژنا بېجى قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
كانادا بىلەن خىتاي ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىگە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
Trump Tariffs / AP

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بايانات بېرىپ، ئەگەر ئامېرىكا پىرىزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى كانادا ماللىرىغا قوشۇمچە باج قويۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، كانادانىڭمۇ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 107 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئامېرىكا تاۋارلىرىغا 25 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ جەرياندا، خىتايمۇ ئامېرىكانىڭ قوشۇمچە تاموژنا باجلىرىغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تىرۇدو دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، كانادانىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئامېرىكا ماللىرىغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى، قالغان 87 مىليارد قىممىتىدىكى ماللارغا بولسا 21 كۈن ئىچىدە باج قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تىرۇدو: «بىزنىڭ باجلىرىمىز ئامېرىكا سودا ھەرىكىتىنى توختاتمىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا باجلىرى توختىمايدىغان بولسا، بىز ئۆلكىلەر ۋە رايونلار بىلەن بىرلىكتە باجسىز چارا تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

خىتاينىڭ تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ فېنتانىل ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە باج قويۇش قارارىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارارلارغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇ چارە-تەدبىرلەرنىڭ خىتاينىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى خىتايغا يۈكلەپ، بۇنى قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشقا باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنى رەت قىلغانىدى.

مىنىستىرلىق ئامېرىكانى «ئاساسسىز» بولغان بۇ يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى قويۇش قارارلىرىنى «دەرھال توختىتىشقا» چاقىرغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»