سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پېنتاگون باشلىقى ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار، كونگرە تەستىقلىغۇچە ترامپتىن ئۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان كۆپلىگەن قانۇن تەكلىپ لايىھەلىرىنى ماقۇللىتالمىدى.
پېنتاگون باشلىقى ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ
خېگسېت ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كونگرەنىڭ سوئالىغا دۇچ كېلىدۇ. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى.

ئۇرۇش مىنىستىرى پېت خېگسېت (Pete Hegseth) ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان ۋە ئامېرىكا تېھراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەكلىپىگە گۇمان قاراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئۇرۇش ھەققىدە كونگرەدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

پېت خېگسېت بۈگۈن (2026-يىلى 29-ئاپرېل) كۈنى كونگرە ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. بۇ، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كونگرە ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. دېموكراتلار بۇ ئۇرۇشنى كونگرەنىڭ تەستىقىسىز ئېلىپ بېرىلغان، بەدىلى يۇقىرى ئۇرۇش دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار بۇ ئاينىڭ بېشىدا خېگسېتقا قارشى ئالتە ماددىلىق ئەيىبلەش لايىھەسى سۇنۇپ، ئۇنى «ئېغىر جىنايەت ۋە خاتالىقلار ئۆتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئاۋام پالاتاسى قوراللىق كۈچلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھۆكۈمەتنىڭ 2027-يىللىق ھەربىي خامچوت تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپتە مۇداپىئە چىقىمىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە، يەنى 1.5 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

خېگسېت بىلەن ئارمىيە باش ئىشىتاب باشلىقى دان كايننىڭ (Dan Caine) تېخىمۇ كۆپ ئۇچقۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

دېموكراتلارنىڭ دىققىتىنى ئىران ئۇرۇشىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان چىقىمىغا، ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئوق-دورىلىرىنىڭ كۆپلەپ سەرپ قىلىنىشىغا ۋە ئىراندا بالىلارنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بىر مەكتەپنىڭ بومباردىمان قىلىنىش ۋەقەسىگە قارىتىشى ئېھتىمالغا يېقىن. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراننىڭ توپ-توپ ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە قانچىلىك تەييارلىقى بارلىقى ھەققىدە سوئال سورىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ئۇچقۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشى ياكى يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

گەرچە ھازىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) كونگرەنىڭ تەستىقىسىز ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى. ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار، پىرېزىدېنت دونالد ترامپتىن كونگرە كېيىنكى ھەرىكەتلەرنى تەستىقلىغۇچە ئۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان كۆپلىگەن قانۇن تەكلىپ لايىھەلىرىنى ماقۇللىتالمىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، سۆھبەتنىڭ قايتا باشلىنىش ئېھتىماللىقى ۋە قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ خەتىرىنى تىلغا ئېلىپ، ھازىرچە ترامپنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى رەھبەرلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. شۇنداقتىمۇ، كونگرەنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەگەر ئۇرۇش يەنە سوزۇلۇپ كەتسە، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ پىرېزىدېنت ئۈچۈن مۇھىم سىناق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خېگسېت بىلەن كاين گەرچە تېلېۋىزىيەدە پېنتاگوننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كونگرە ئەزالىرىنىڭ ئۇرۇش ھەققىدىكى ئاشكارا سوئاللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

سەيشەنبە (28-ئاپرېل) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاقسارايدىكى دۆلەت زىياپىتىدە، ترامپ ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېز III ۋە باشقا مېھمانلارغا ئىراننىڭ «ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇب قىلىنغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇ يەنە: «چارلېزنىڭ پىكىرى بىلەن مېنىڭكى بەكرەك ماس كېلىدۇ؛ بىز رەقىبىمىزنىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

بىراق، ئىران ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ئۇرۇشنى تېخى ئاخىرلاشتى دەپ قارىمايمىز» دېدى ۋە تېھراننىڭ «ئامېرىكاغا ھېچقانداق ئىشەنچىسى يوقلۇقى» نى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump instructs aides to prepare for extended blockade of Iran: report
ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ